شىنجاڭ بويىچە مىڭدىن ئارتۇق مۇنەۋۋەر مەكتەپ مۇدىرى تەربىيەلىنىدۇ

160 2012-04-11 11:40:53   شىنجاڭ رادىئو خەۋەرلەر تورى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

2012-يىلدىن باشلاپ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ھەر يىلى 10 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، شىنجاڭ بويىچە مىڭدىن ئارتۇق مۇنەۋۋەر مەكتەپ مۇدىرى تەربىيەلەيدۇ.

  يېقىندا تۇنجى قارار ئاپتونوم رايونلۇق ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ غوللۇق مەكتەپ مۇدىرلىرى يۇقىرى دەرىجىلىك كۇرسى شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتۇتىدا ئېچىلدى، بۇ ئاپتونوم رايونلۇق «ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ مىڭ مۇنەۋۋەر غوللۇق مەكتەپ مۇدىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشى»نىڭ رەسمىي باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ يۈز غوللۇق مەكتەپ مۇدىرى 60 كۈنلۈك بىلىم ئاشۇرۇش كۇرسىغا قاتنىشىدۇ.

  بۇ قۇرۇلۇش 2016-يىلغىچە يولغا قويۇلىدۇ، ھەر يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە بىر قىسىم مۇنەۋۋەر غوللۇق مەكتەپ مۇدىرلىرى تاللىنىدۇ، ئۇلار كەسىپلەشتۈرۈپ تەربىيەلەش، بىلىم ئاشۇرۇش، خىزمەت ئالماشتۇرۇپ ۋەزىپە بىلەن چېنىقىش پۇرسىتىگە ئېرىشىدۇ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىچى سىرتىدىكى ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ مۇدىرلىرى مۇنبىرى مەتبۇئات ئىلىم-پەن خەزىنىسىگە قاتنىشىپ، ئىلىم سەۋىيەسى ۋە كەسىپىي ساپاسىنى ئۆستۈرىدۇ. بۇ قۇرۇلۇشتا ئاپتونوم رايون بويىچە ئون نەچچە «داڭلىق مەكتەپ مۇدىرى»، يۈزنەچچە «مۇنەۋۋەر مەكتەپ مۇدىرى»، مىڭدىن ئارتۇق «غوللۇق مەكتەپ مۇدىرى» تەربىيەلىنىدۇ.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博