دۆلەت ئىچىدىكى تەييار نېفىتكە بولغان ئېھتىياجنىڭ ئېشىشى، شىنجاڭ كارخانىلىرىنىڭ قازاقىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىن تەييار نېفىت ئىمپورت قىلىش سۈرئىتىنى تېزلىتىۋەتكەن.
4-ئاينىڭ 12-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئالاسەنكو تاموژنىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىلى 1- ۋە 2-ئايدا، ئالاسەنكودا ئىمپورت قىلىنغان تەييار نېفىت مىقدارى 119 مىڭ 800 توننىغا يېتىپ، سودا سوممىسى 77 مىليون 330 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى بولغان بولۇپ، ئالدىنقى يىلى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا %34.9 ۋە %63.8 ئاشقان. ئۇنىڭ ئىچىدە، 2-ئايدىكى ئىمپورت مىقدارى 38 مىڭ 500 توننا بولۇپ، ئالدىنقى ئايدىكىگە قارىغاندا %13.9 چۈشكەن؛ سودا سوممىسى بولسا 25 مىليون 820 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى بولغان بولۇپ، ئالدىنقى ئايدىكىدىن %4.1 ئاشقان.
بۇ كەسپىنىڭ ۋاكالەتچىسى بولغان شىنجاڭ چيەن توڭ شىركىتىنىڭ مەسئۇل خادىمى مۇخبىرغا مۇنداق دېگەن: ئىمپورت مىقدارىنىڭ ئېشىشى ئاساسلىقى ئىچكى ئېھتىياجنىڭ ئېشىشىدىن بولغان بولۇپ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا دۆلەت ئىچىدىكى تەييار نېفىت باھاسىنىڭ ھازىرقى يۇقىرى نۇقتىدا تۇرماقتا. لېكىن رۇسىيە، قازاقىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ تەييار نېفىت باھاسى دۆلەت ئىچىدىكى باھادىن تۆۋەن، شۇڭا كارخانا مۇشۇ دۆلەتلەردىن تەييار نېفىت ئىمپورت قىلىشنى تاللىغان.
لېكىن ئۇ، رۇسىيە، قازاقىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ تەييار نېفىت باھاسىنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى ئۆسۈشى بىر قەدەر كۆرۈنەرلىك بولۇپ قالدى، بولۇپمۇ بۇ يىلى 2-ئايدا بىر قەدەر چوڭ نىسبەتتە ئۆسۈپ كەتكەنلىكى سەۋەبىدىن، 2-ئايدىن بۇيان تەييار نېفىت ئىمپورت مىقدارىدىمۇ تۆۋەنلەش بولغان، دەپ كۆرسەتكەن.
بۇ يىلى كىرگەندىن بۇيان، يەر سىياسىتى قاتارلىق كۆپ خىل ئامىللارنىڭ تەسىرىدە، خەلقئارا نېفىت باھاسى ئىزچىل داۋالغۇش ھالەتتە تۇرۇپ كەلدى. نۆۋەتتە، دۆلەت ئىچىدىكى تەييار نېفىتنىڭ ئىستېمالى «8 يۈەنلىك دەۋر»گە قەدەم قويدى. لېكىن دۆلىتىمىز ئوتتۇرىغا چىقارغان تەييار نېفىت باھا بېكىتىش مېخانىزمىغا ئاساسلانغاندا، خەلقئارا نېفىت باھاسىنىڭ ئۇدا 22 خىزمەت كۈنىدە داۋالغۇپ تۇرۇشىنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆزگىرىش نىسبىتى %4 گە يەتكەن ۋاقىتتا، دۆلەت ئىچىدىكى تەييار نېفىتنىڭ باھاسىنى ئاندىن تەڭشىگىلى بولىدۇ. بۇ يىلقى تۇنجى قېتىملىق نېفىت باھاسى تەڭشەلگەن ۋاقىت 2-ئاينىڭ 8-كۈنى بولۇپ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئىران يادرو كرىزىسى قاتارلىق ئىشلارنىڭ تەسىرىدە، خەلقئارا نېفىت باھاسى چوڭ نىسبەتتە ئۆرلەپ كەتكەن. 3-ئاينىڭ 20-كۈنى، دۆلەت ئىچىدىكى نېفىت باھاسى يەنە بىر قېتىم ئۆستۈرۈلگەن.
دۆلىتىمىزدە، تەييار نېفىت ئىمپورت مىقدارىنىڭ تەييار نېفىت ئىستېمالىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %4.5 گىمۇ يەتمەيدىغان بولۇپ، نۇرغۇنلىغان خۇسۇسىي كارخانىلارنىڭ ھەممىسى دۆلەتنىڭ تەييار نېفىت ئىمپورت چەكلىمىسىنى بىكار قىلىۋېتىلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى بولسا خۇسۇسىي كارخانىلارنىڭ تىجارىتى جانلىق، دۆلەتنىڭ مەبلىغىگە ئېھتىياجى چۈشمەيدىغانلىقىدىن ئىبارەت، دۆلەت تەييار نېفىت ئىمپورت چەكلىمىسىنى بىكار قىلىۋەتسە، ئۇنداقتا بۇ ھۆكۈمەت، كارخانا ۋە پۇقرالارنىڭ ھەممىسىگە دېگۈدەك ياخشى ئىش بولاتتى.
ئالاسەنكودىكى مۇناسىۋەتلىك خىزمەتچى خادىم: «تەييار نېفىت ئىمپورت قىلىش چەكلىنىدىغان مەھسۇلات تۈرىگە تەۋە بولۇپ، نورما بولسا ئاندىن ئىمپورت قىلغىلى بولىدۇ. كۆپ يىللاردىن بۇيان، ئاساسلىقى جۇڭگو نېفىتلىكى باشقۇرۇشىدىكى شىركەتلەر چەتئەللەردىن نېفىت ئىمپورت قىلىپ كەلگەن.» دېگەن، يەنە بىر قىسىم شىركەتلەر پورتقا تەييار نېفىت ئىمپورت بازىرىنى تەكشۈرگىلى كېلىدۇ، بولۇپمۇ تەييار نېفىت باھاسى ئۆرلىگەندىن كېيىن، خۇسۇسىي كارخانىلارنىڭ تەييار نېفىت ئىمپورتىنى چەكلەشنى بىكار قىلىشىغا بولغان پىكرى كۆپىيىپ كەتكەن.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ نېفىت ئىستېمالى ئىزچىل ئېشىپ ، سىرتقا تايىنىش دەرىجىسى توختىماستىن يۇقىرىلاپ بارغان بولۇپ، 2011-يىلى %56 تىن ئېشىپ كەتكەن.دۆلەت ئىچىدىكى ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەر، مەيلى خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچىدىن ئىبارەت ئىككى بازاردىن تولۇق پايدىلانغان، ئىككى خىل بايلىقنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى تەييار نېفىت بازىرىنى تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشى نۇقتىسىدىن بولسۇن، مەيلى باھا پىشاڭىدىن پايدىلىنىپ نېفىت بايلىقىنى تېجەش نۇقتىسىدىن بولسۇن، دۆلەت چوقۇم خۇسۇسىي ئىگىلىكتىكى كارخانىلارنى نېفىت ئىمپورت قىلىش كەسپىگە قاتنىشىشقا يول قويۇشى ھەمدە ئۇلارنى رىغبەتلەندۈرۈشى كېرەك، دەپ كۆرسەتكەن.
دۆلىتىمىزنىڭ رۇسىيە ۋە ئەتراپتىكى بىر قىسىم دۆلەتلەردىكى كۆپ قېتىملىق تەكشۈرۈش تەتقىق قىلىشىغا ئاساسلانغاندا، نۆۋەتتە، رۇسىيىنىڭ نېفىت باھاسى ئىنتايىن تۆۋەن بولۇپ، دۆلىتىمىزگە سېلىشتۇرغاندا ھەر بىر توننا نېفىت 3000 يۈەندىن كۆپرەك ئەرزان، ئەزەربەيجاننىڭ نېفىت باھاسى بولسا دۆلىتىمىزنىڭكىدىن 5000 يۈەندىن كۆپرەك ئەرزان ئىكەن.
تەييار نېفىت ئىمپورتىنى چەكلەشنى بىكار قىلىش ياكى قىلماسلىق مەسىلىسىدە، دۆلەتنىڭ ئاساسلىق باشقۇرغۇچى تارماقلىرى تەتقىقات ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش قەدىمىنى تېزلىتىۋاتىدۇ دېگەندەك خەۋەرلەرمۇ تارقالغان.
ھەمبەھىرلىنىڭ