7-ئاينىڭ 12-كۈنى، بىر تۈركۈم ساياھەتچىلەر تۇرپاندىكى يالقۇنتاغ ساياھەت رايونىدا ساياھەت قىلىۋاتقاندا شۇ يەردىكى چوڭ تېرمومېتىرنىڭ يەر تېمپراتۇرسىنى 76 گىرادۇس دەپ كۆرسەتكەنلىكىنى كۆرگەن.
شۇ كۈنى، تۇرپان مېتىئورولوگىيە ئىدارىسى يۇقىرى تېمپراتۇرا ئەسكەرتىشى بەرگەن، تۇرپان ئويمانلىقىدا بۇ يىلقى ئەڭ يۇقىرى تېمپراتۇرا كۆرۈلگەن بولۇپ، 12-چېسلا شەھەر ئىچى تېمپراتۇرىسى 44 گىرادۇس بولغان، 13- چېسلا 45 گىرادۇس بولغان، ھۆكۈمەت تەرەپ شەھەر خەلقىنى ۋە ساياھەتچىلەرنى يۇقىرى تېمپراتۇرىدىن دېققەت قىلىشقا ئەسكەرتىش بەرگەن. گەرچە مۇشۇنداق يۇقىرى تېمپراتۇرا بولسىمۇ، ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىقىنى توسىۋالالمىغان.