لەنجۇ – شىنجاڭ تۆمۈر يولىنىڭ ئۈرۈمچى – ئالاتاۋ پورتى بۆلىكىنى ئېلېكترلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى باشلاندى

101 2009-04-22 12:37:46   شىنجاڭ گېزىتى   ئەقىدە
T|T:خەت رەزمىرى

  لەنجۇ – شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ ئۈرۈمچىنىڭ غەربىدىن ئالاتاۋ پورتىغىچە بولغان قىسمىنى ئېلېكترلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى رەسمىي باشلاندى

     شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 20 – ئاپرېل تېلېگراممىسى. جۇڭگو تۆمۈريول ئېلېكترلەشتۈرۈش ئىدارىسى گۇرۇھ شىركىتى 20 – ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن لەنجۇ – شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ ئۈرۈمچىنىڭ غەربىدىن ئالاتاۋ پورتىغىچە بولغان قىسمىنى ئېلېكترلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى رەسمىي باشلىدى، پىلان بويىچە بۇ قۇرۇلۇش 2010 – يىلى 5 – ئايدا تاماملىنىدۇ. مۇخبىرنىڭ شىئەن شەھەرلىك ئېلېكترلەشتۈرۈش ئىدارىسى گۇرۇھ شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، نۆۋەتتە جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى سودىسىنىڭ  جانلىنىشىغا ئەگىشىپ، لەنجۇ – شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ ئۈرۈمچى – ئالاتاۋ بۆلىكىدىكى تۆمۈريول ترانسپورتىغا ناھايىتى چوڭ بېسىم پەيدا بولغان، ئۆتكەن يىلىلا ئىمپورت – ئېكسپورت يۈك مىقدارى 12 مىليون 418 مىڭ توننىغا يەتكەن. بۇنىڭ بىلەن بۇ بۆلەكنى ئېلېكترلەشتۈرۈپ، ترانسپورت ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشقا جىددىي ئېھتىياج چۈشكەن. ئىگىلىنىشىچە، لەنجۇ – شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ ئۈرۈمچى – ئالاتاۋ بۆلىكى 1990 – يىلى 9 – ئايدا پۈتكەندىن كېيىن، يىلدا 6 مىليون 100 مىڭ توننىدىن كۆپرەك يۈك ئېكسپورت قىلىنىپ، جۇڭگودىكى ئېكسپورت يۈك مىقدارى ئەڭ چوڭ تۆمۈريول بولۇپ قالغان. لەنجۇ – شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ ئېلېكترلەشتۈرۈلىدىغان ئۈرۈمچى – ئالاتاۋ بۆلىكىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 467 كىلومېتىر كېلىدىكەن، شەرقتە  لەنجۇ – شىنجاڭ تۆمۈريولىغا، غەربتە ئالاتاۋ پورتىغا تۇتىشىدىغان بولۇپ، جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتكە تۇتىشىدىغان مۇھىم خەلقئارالىق غول لىنىيىسى، شۇنداقلا ئاسىيا – ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇق كۆۋرۈكى بىلەن تۇتىشىدىغان مۇھىم قىسىم ئىكەن.


ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博