خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ باش شىتابى جاكارلاپ، 4-چىسلا، جوڭگۇنىڭ 2 ھەربىي ئايروپىلانى دىياۋيۈ ئارىلىنىڭ ھاۋا بوشلۇقىغا 60 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا بىر گىرادۇس يېقنلاپ قالغان، بىراق «ياپونىيە ھاۋا بوشلۇقىغا كىرمىگەن» دېگەن. ياپونىيە ھاۋا بوشلۇقى قوغداش ئەتىرىتى بازىدىن جىددىي ھالدا F-15 كۆرەشچى ئايروپىلانىنى چىقىرىپ توسقان.
دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى خەۋەر ئىشلىرى ئىدارىسى ئەمەلدارى تۆنۈگۈن ئىپادە بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى، جوڭگۇ ھەربىي ئايروپىلانىنىڭ جوڭگۇ تەۋەلىكىدىكى دېڭىز رايونىدا ئۇچۇشى، مۇناسىۋەتلىك خەلقئارالىق قانۇنغا پۈتۈنلەي ماس كېلىدۇ.
ياپونىيە قوغداش ئەتىرىتى 7- ئاينىڭ 4-كۈنى ئېلان قىلغان جوڭگۇ ھەربىي ئايروپىلانىنىڭ رەسىمى
ياپونىيە قوغداش ئەتىرىتى 7- ئاينىڭ 4-كۈنى ئېلان قىلغان جوڭگۇ ھەربىي ئايروپىلانىنىڭ ھەرىكەت يولى ئۇمۇمىي خەرىتىسى