ياپونىيە ئادەم مېڭىسى كونترول قىلالايدىغان ماشىنا ئادەم ياسىدى

290 2009-04-02 14:16:39   ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى   ئەقىدە
T|T:خەت رەزمىرى

 

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، توكيو، 1-ئاپرېل تېلېگراممىسى: ياپونىيە كىيودو ئاگېنتلىقىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: ئالىملىرىمىز مېڭە دولقۇنى ۋە مېڭە قان تۇمۇرىنىڭ ئېقىمىنى ئانالىز قىلىش ئارقىلىق، ماشىنا ئادەمنى ئادەم مېڭىسىنىڭ تەسەۋۋۇر قىلغىنى بويىچە ھەرىكەتلەندۈرۈش تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىپ چىقتى.


   خەۋەردە يەنە مۇنداق دېيىلدى: بۇ قۇرۇلما قالپاق شەكىللىك سېنزور ۋە ئۇزۇنلىقى،كەڭلىكى،ئېگىزلىكى ئوخشاشمايدىغان ئۆلچەپ خاتىرىلىگۈچتىن شەكىللەنگەن. ئەگەر سىز سول قولىڭىزنى كۆتۈرۈشنى ئويلىسىڭىز، ماشىنا ئادەم دەرھال سول قولىنى كۆتۈرىدۇ.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博