كلاسسىك فىلىملەرنىڭ سېھرىي كۈچى
يېزا مەكتەپ ئايال ئوقۇتقۇچىلىرىغا غەمخورلۇق قىلغانلىق كەلگۈسىمىزگە كۆڭۈل بۆلگەنلىك
يېزا مەكتەپ پىدائىيلىرى تورى خەۋىرى:
بۇ يىلقى گۈل چېچەككە پۈركەنگەن ماي ئېيىدا، مەن پىدائىيلار ئەتىرىتىنى يېتەكلەپ ئىلى ئوبلاستى قورغاس ناھىيە خۇييۈەن بازىرى خۇاڭ جۈ باشلانغۇچ مەكتىپىگە يېتىپ كەلدىم.
قورغاس ناھىيە خۇييۈەن بازىرى خۇاڭ جۈ باشلانغۇچ مەكتىپى 1965-يىلى قۇرۇلغان مىللىي، خەنزۇ ئوقۇغۇچىلار ئوقۇيدىغان مەكتەپ ئىكەن. مەكتەپنىڭ يەر كۆلىمى 17مىڭ كىۋادىرات مېتىر، قۇرۇلۇش كۆلىمى 1800 كىۋادىرات مېتىر كېلىدىكەن. مەزكۇر مەكتەپ يېزا بازىرىدىن بەش كىلومېتىر كېلىدىغان بىر ئاز چەت جايغا جايلاشقان بولۇپ، ئۇيغۇر، خەنزۇ، خۇيزۇ ئوقۇغۇچىلارنى ئاساس قىلىدىكەن. مەكتەپتە 256 نەپەر ئوقۇغۇچى، 18 نەپەر ئوقۇتقۇچى بار بولۇپ، 6 ئوقۇتقۇچىسى كەمچىل ئىكەن. يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە تىرىلغۇ كۆلىمى كىشى بېشىغا ئىككى موغا يەتمەيدىغان بولۇپ، ئىقتىساد تەرەققىي قىلمىغان ئىكەن. مەكتەپنىڭ ھېچقانداق ئىقتىسادىي كىرىمى يوق بولۇپ، ئوقۇتۇش ئۈسكىنىلىرى يېتىشمەيدىكەن. 2006-يىلىدىن بىرى مەزكۇر مەكتەپ ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ، مەركىزىي تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ «ساخاۋەت 1+1»، «ئېڭىزلىق پىلانى»شىنجاڭ تارمىقى، «يەنە ئازراق يۈدىۋالاي»، «سەرخۇش كۇتۇپخانىسى»، «شادىمان يىغىلىش»، «يېزا مەكتەپ پىدائىيلىرى»، «ھالقىش e گۇرۇپپىسى» قاتارلىق خەيىر – ساخاۋەت، ئاممىۋىي پاراۋانلىق تەشكىلاتلىرى بىلەن خېلى ياخشى ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپتۇ.
يول يېراق بولغاچقا، بىز سەھەردىلا تەييارلىقلىرىمىزنى پۈتتۈرىۋالدۇق. مەكتەپكە كەلگىنىمىزدە مەكتەپ مۇدىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلار ۋەكىللىرى بىزنى ناھايىتى قىزغىن كۈتۈۋالدى. مەن توردىن بۇ مەكتەپ توغرىلىق خېلى چۈشەنچىگە ئىگە بولغاچقا، ماڭا ئۇنچە ناتونۇش تۇيۇلمىدى. قىسقىغىنە مۇراسىمدىن كېيىن بىز مەكتەپ مۇدىرىنىڭ يول باشلشىدا مەكتەپ قورۇسىنى ئىكىسكۇرسىيە قىلدۇق. مەكتەپنىڭ ئومۇمىي قىياپىتىدە چوڭ يېڭىلىق يوق بولۇپ، سىنىپتىكى پارتىلار بۇرۇنقىدەك كونا ئىدى. مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئېيتىشىچە، مەكتەپتىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم پارتا – ئورۇندۇقلار 20 يىللار ئاۋال ياسالغان بولغاچقا، يىللارنىڭ ئۆتىشى بىلەن كونىراپ، رىمونتسىز قىلىپ كېرەكتىن چىققان ئىكەن. ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلىغاچ بۇرۇنقى ياغاچتا ياسالغان ئورۇندۇق – پارتىلارنىڭ ھەقىقەتەن ئىشلىتىشكە چىدايدىغانلىقىنى خىيال قىلدىم. «چىن گۇاڭبياۋ ئېلىكتېرلىك ئوقۇتۇش سىنىپى»نىڭ ئالدىغا كەلگىنىمىزدە كۆپچىلىك بىر خىل ھاياجانغا چۈمدۇق. سىنىپتا بارى – يوقى 16 يۈرۈش كومپىيۇتېر ئالدىدا ئوقۇغۇچىلار ئوقۇتقۇچىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە مەشغۇلات قىلىۋاتاتتى. مانا بۇ بىزنىڭ يېزا مەكتەپ پىدائىيلىرىنىڭ سەھەر گېزىتىنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا ساخاۋەتچى چىن گۇاڭبياۋ ئەپەندىنىڭ ياردىمىنى قولغا كەلتۈرۈش ئىئانە قىلغان ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرى ئىدى. مانا بۇلار بىزنىڭ كىچىككىنە بولسىمۇ نەتىجىمىز ئىدى. قاراڭ، ئۈستەللەردىكى يىپ – يېڭى كومپىيۇتېرلارغا، قىزغىن مەشغۇلات قىلىۋاتقان ئوماق قارا كۆزلەرگە!! بىراق بىز قىلغانلىرىمىزنىڭ بەك ئازلىقىنى، مەكتەپلەرنىڭ ئىھتىياجىنى قامدىيالمايدىغانلىقىنى، قىلىدىغان ئىشلىرىمىزنىڭ تېخى نۇرغۇنلىقىنى، ماڭىدىغان يولنىڭ تېخى ئۇزۇنلىقىنى ئوبدان بىلىمىز.
بۇ قېتىم بىز يېزا مەكتەپتىكى مېھنەتكەش خانىملارغا ئېلىپ كەلگەن 4500 يۈەن قىممىتىدىكى تىرە ئاسراش، گۈزەللەشتۈرۈش بويۇملىرى مەكتەپتىكى خانىملارنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا مۇيەسسەر بولدى. بۇ ئاددى سوۋغىلار بىزنىڭ يېزا مەكتەپلىرىگە بولغان ئاددى غەمخورلۇقنىڭ بىر قىسمى ئىدى. بىز دائىم يېزا مەكتەپلىرىگە پىدائىيلىق پائالىيىتى بىلەن بارغىنىمىزدا دائىم يېزا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئۆيىدە قونۇپ قالاتتۇق. بۇ جەرياندا يېزا مەكتەپلەردىكى ئايال ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەقىقەتەن جاپاكەش ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلاتتۇق. ئۇلارنىڭ مائاشىمۇ شەھەر مەكتەپلىرىدىكى ئوقۇتقۇچىلىرىغا قارىغاندا خېلىلا تۆۋەن بولۇپ، قوشۇمچە تەمىناتلارمۇ يوق ھېسابتا، تەربىيەلىنىش، بىلىم ئاشۇرۇش پۇرستىمۇ ئاز ئىدى.
بۇ مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلاردىن ئىگىللىشىمىزچە، بۇ يەردىكى ئاتا – ئانىلار بالىلىرىنى پەقەت «بىر قانچە خەت تونۇيدىغان قىلىپ قويۇش»، ساۋاتسىز قالماسلىقى ئۈچۈنلا مەكتەپكە ئەۋەتشىدىكەن. ئوقۇغۇچىلار مەكتەپتىن قايىتقاندىن كېيىن، پادا بېقىپ، ئائىلە ئىشلىرىغا ياردەملىشىدىكەن. شۇڭلاشقا ئائىلە تاپشۇرۇقلىرىمۇ ئانچە ياخشى ئورۇندالمايدىكەن. ئوقۇتقۇچىلار ئائىلە تاپشۇرۇقىنى سەللا جىق بېرىپ تاشلىسىلا، ئاتا – ئانىلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ قويىدىكەن. ئوقۇتقۇچىلاردىن بۇ گەپلەرنى ئاڭلاۋاتقىنىمدا، مەن ئۇلاردىن بىر خىل ئىلاجسىزلىقنى، چوڭقۇر ئەپسۇسلۇقنى ھېس قىلدىم. شەھەرلەردە ھەر يىلى ھيىت – بايراملاردا ئوقۇتقۇچىلارغا ئۇلار ئۆزلىرىمۇ ئويلاپ باقمىغان ھال سوراش بويۇملىرى، سوۋغاتلار كېلىپ تۇرىدۇ. بېراق بۇ يەردە 32 يىل ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان خانىمنىڭ دېيىشىچە، ئۇلارنىڭ بۇنداق چاغلاردا ئېرىشىدىغان ئەڭ ياخشى سوۋغاتلىرى پەقەت ئاتا – ئانىلارنىڭ كونا گېزىت ژورناللارنىڭ رەڭلىك بەتلىرىدىن ياساپ سۇنغان «تەبرىك كارتىسى» ئىكەن. ئۇلارمۇ بۇنىڭدىن ناھايىتى خۇشال بولىدىكەن. بۇ يەر شەھەردىن يېراق بولغاچقا، بۇ يەردىكى خانىملار بازار ئايلىنىپ، ھەر خىل كىيىم – كېچەك، تۇرمۇش بويۇملىرىنى سېتىۋالالمايدىكەن. يەنە تېخى بۇيەرنىڭ ھاۋاسى ناچار بولغاچقا، ياش تۇرۇپلا چېرايىغا ھەر خىل قورۇقلار ئىز تاشلايدىكەن. يىل بويى شاماللىق ھاۋادا تۇرۇپ خانىملارنىڭ تىرىلىرى قۇرغاقلىشىپ، ناچارلىشىپ كېتىپتۇ. ئۇلارنىڭ ئاددى – ساددا كېيىنگەن قىياپىتى، ئۆزى ھەققىدىكى بايانلىرىدىن بىر قانچە پىدائىي بېشىنى تۆۋەن سىلىپ خىيالغا چۆمگەن ئىدى. مەن يېزىلاردىكى بۇ مېھنەتكەش خانىملارغا قانداق غەمخورلۇق قىلىش، قانداق ئاسراش كېرەكلىكىنى يەنە بىر قېتىم ھېس قىلغاندەك بولدۇم.
پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ، تاماق يەيدىغان چاغمۇ بولۇپ قاپتۇ. بىر قانچە خانىملار بىردەمدىلا قولمۇ – قول تۈگرە تەييارلاشتى. ئۇلارنىڭ بىرلىرى ئوت قالىسا، بىرلىرى قىيما تەييارلايتى. يەنە بىرلىرى ئالدىراش تۈگرە تۈگەتتى. بىز ياندا تۇرغانلارمۇ ئاخىرى چىداپ تۇرالماي بۇ قاينام – تاشقىنلىققا قوشۇلۇپ كەتتۇق. بىر دەمدىن كېيىن، تۈگرىمۇ پىشىپ، كۆپچىلىكنىڭ «تۈگرە پىشتى، كېلىڭلار يەۋىلىڭلار!!» دېگەندەك تاماققا چاقىرىشلىرى باشلاندى. تاماق ۋاقتىدا، ھەممەيلەن بىر خىل ھاياجان ۋە خۇشاللىققا چۆمگەن بولۇپ، ئاۋۇ بىر قانچە يېزا مەكتەپ خانىملىرى ئالاھىدە ئوچۇق – يورۇق ئىدى. قورۇ ئىچىنى ئۇلارنىڭ جاراڭلىق كۈلكىلىرى بىر ئالغان ئىدى. بۇ كۈلكىلەر ھەر بىر پىدائىينىڭ قەلىب تارىنى چەكمەكتە ئىدى.
تۈزلا قىلىپ دېگەندە، بىزنىڭ يېزا مەكتەپلىرىدىكى خانىملارغا كۆڭۈل بۆلىشىمىز خېلى بۇرۇن باشلانغان ئىدى. شۇنداق ئېنىق ئېسىمدە، كىچىك چېغىمدا سوۋىت ئىشلىگەن «سەھرادىكى ئايال ئوقۇتقۇچى» دېگەن بىر فىلىم بار ئىدى. بۇ فىلىم ھەقىقەتەنمۇ بىر قانچە ئەۋلات كىشىلەرگە تەسىر قىلغان ئىدى. بۇ فىلىمدە ئايال ئوقۇتقۇچى ۋارۋارانىڭ ھاياتى تەسۋىرلەنگەن بولۇپ، ئۇ ئىككى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشىنى بېشىدىن كەچۈرگەن ئىدى. فىلىم بىزگە يېراق سەھرادىكى بىر ئايال ئوقۇتقۇچىنىڭ ئاددى، جاپالىق تۇرمۇشىنى، ئاددى ھايات ئىچىدىكى ئۇلۇغۋار روھىنى ناھايىتى تەسىرلىك يورۇتۇپ بەرگەن ئىدى. فىلىمدىكى ئايال ئوقۇقۇچىنىڭ «سىلەر ئەمدى بۈگۈندىن باشلاپ ئادەتتىكى بالىلار ئەمەس، سىلەر ئوقۇغۇچى. مەن سىلەرگە كىتاب ئوقۇشنى، خەت يېزىشنى، ھېسابلاشنى ئۆگىتىمەن. سىلەر چوقۇم ساۋاتلىق ئادەم بولۇشىڭلار كېرەك. مەن سىلەرگە تەپەككۇر قىلىشنى ئۆگىتىشىم كېرەك.» دېگەن سۆزلىرى ماڭىمۇ ئاجايىپ تەسىر قىلغان ئىدى. فىلىمدە بۇ سۆز ئۈچ قېتىم تەكرارلىناتتى. فىلىمدىكى ئاددى، جاپالىق تۇرمۇش ئىچىدە، ئاشۇ ئايال ئوقۇتقۇچىنىڭ قەيسەر، ئالىيجاناپ ئۇستازلىق روھى ھەممىنى تەسىرلەندۈرەتتى. كېينچە مەن يەنە ۋىيتنامنىڭ «تاغلىق رايۇندىكى ئايال ئوقۇتقۇچى» دېگەن فىلىمنى كۆردۈم. بۇ فىلىممۇ ئىنتايىن تەسىرلىك بولۇپ، باش قەھرىمان قىز يۈنيىڭنىڭ مياۋزۇ تاغلىق رايۇنىدا بىر مەكتەپ ئېچىش جەريانىدىكى ھەر خىل جاپالارغا باش ئەگمەي، قەيسەرلىك بىلەن بالىلارغا مەسئۇل بولغانلىقىدەك ئۇلۇغۋارلىقى يورۇتۇپ بېرىلگەن ئىدى. بۇ فىلىم مېنىمڭ ئاجايىپ ھاياجانغا سالغان ئىدى.
30 يىل ئۆتۈپ كەتتى. نۇرغۇن تەپسىلاتلارنى ئەسلىيەلمەيمەن. ئەسلىيەلەيدىغىنىم پەقەت «تاغلىق رايۇندىكى ئايال ئوقۇتقۇچى» فىلىمىدىكى شۇنداق بىر جۈملە سۆز دائىم يادىمدا: «جىرىڭ، جىرىڭ، غەپلەت بىزدىن يېراق كېتىڭ!!»
مەن خۇاڭ جۈ باشلانغۇچ مەكتىپىگە كىلىپ ناھايىتى ھاياجانلاندىم. ھەقىقەتەن بەك تەسىرلىك. ئاشۇ خانىملار خىزمەت ۋە تۇرمۇشتا چوقۇم بىزگە قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ قېيىنچىلىققا ئۇچرايدۇ. بېراق ئۇلار شۇنچە خىرامان، شۇنچە شادىمان. ئۇلار خۇددى يۇقارقى ئىككى فىلىمدىكى باش قەھرىمانلارغا ئوخشايدۇ. ئۇلار ياشلىق باھارىنى سەھراغا بېغىشلىۋەتكەن. سەھرادىكى ئاشۇ نارسىدىلەرگە، ئۇلارغا ئىلىم بېرىش يولىغا بېغىشلىۋەتكەن. مەن ئۇلارغا چىن دىلىمدىن ئىھتىرام بىلدۈرىمەن!!!
ئەمەلىيەتتە، بۇ قېتىمقى خۇڭ جۈ باشلانغۇچ مەكتىپىدىكى خانىملارغا تۇرمۇش بويۇملىرى ۋە تىرە ئاسرا بويۇملىرىنى يەتكۈزۈش خىيالى 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 11-كۈنىدىكى تۇرپان شەھەرلىك شىڭ جىن يېزا مۇتۇگو باشلانغۇچ مەكتىپىدىكى پىدائىيلىق پائالىيىتىدىن كەلگەن ئىدى. ئۇ يەرنىڭ ھاۋاسىنىڭ ناۋارلىقى، قاتناشنىڭ قولايسىزلىقى سەۋەبىدىن ياشقىنە خانىملارنىڭ چېھرىدە ۋاقىتسىز قورۇقلار شەكىللەنگەن ئىدى. پىدائىي جياڭ خوڭ ئۆزى پۇل چىقىرىپ ئۇلارغا ئۈچ يۈرۈش 1200 يۈەن قىممىتىدىكى تىرە ئاسراش بويۇملىرىنى ئىلىپ بارغان بولۇپ، ئوقۇتقۇچىلار ئىنتايىن تەسىرلەنگەن ۋە خۇشال بولغان ئىدى. ئۇلارنىڭ ئاشۇ خۇشاللىقى بىزنىڭ كېيىنكى پىدائىيلىق خىزمىتىمىزگە زور ئۈمىد ۋە ئىلھام بولغان ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن بىز يەنە بۇ يىل 3-ئايدا پىچان ناھىيە لەمجىن بازارلىق قۇم مەھەللە باشلانغۇچ مەكتىپىدىكى 13 نەپەر ئايال ئوقۇتقۇچىغا 3000 يۈەن قىممىتىدىكى تىرە ئاسراش بويۇملىرىنى يەتكۈرۈپ، يېزا مەكتەپلىرىدىكى ئايال ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا مۇيەسسەر بولدۇق. كېيىن بىز بىر قانچە پىدائىي پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ «يېزا مەكتەپ ئايال ئوقۇتقۇچىلىرىغا غەمخورلۇق قىلىش»تەك بۇ بىر خىل پىدائىيلىق تۈرىنى تۇرغۇزۇشنى مەسلىھەتلىشىپ قالدۇق. ئەگەر بىز بۇرۇنقى يېزا مەكتەپلىرىگە كومپىيۇتېر ئىئانە قىلىش تۈرى ئارقىلىق يېزا مەكتەپلىرىنىڭ «قاتتىق دىتال» قۇرۇلىشىغا ياردەم بېرەلىگەن بولساق، ئەمدى «يېزا مەكتەپ ئايال ئوقۇتقۇچىلىرىغا غەمخورلۇق قىلىش» تۈرى ئارقىلىق يېزا مەكتەپلىرىنىڭ «يۇمشاق دىتال» قۇرۇلىشىغا تېگىشلىك تۆھپىمىزنى قوشىمىز. بۇ «قاتتىق دىتال» ۋە «يۇمساق دىتال» قۇرۇلۇشى ھەر ئىككىلىسى ئوخشاشلا بىزنىڭ پىدائىيلىق مۇلازىمىتىمىزنىڭ مۇھىم بىر قىسمى ئەلۋەتتە.
ئاممىۋىي ياردەم ئاممىنىڭ دىققىتىنى تارتالمىسا، ئاممىۋىي ياردەمگە ئايلىنالمايدۇ. ئاممىۋىي ياردەم ئاممىنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشەلمەيدىكەن، ئۇزۇن ۋاقىت داۋاملىشالمايدۇ. يېزا مەكتەپ ئايال ئوقۇتقۇچىلىرى جەمئىيەتىمىزدىكى غەمخورلىقىمىزغا مۇھتاج ئاجىز بىر توپ. ئۇلارنىڭ پاراۋانلىق ئەھۋالى شەھەردىكىلەردىن زور تۆۋەن. بىز چوقۇم ئۇلارنىڭ چۈشىنىشىمىز، ئۇلارغا كۆيۈنىشىمىز، غەمخورلۇق قىلىشىمىز كېرەك. ئۇلارغا ئاددى گىرىم بويۇملىرى، تىرە ئاسراش بويۇملىرىنى سوۋغا قىلىش بىر قەدەر ئەمەلىي ئىشلار ئارقىلىق ئۇلارنىڭ مىھنەتكەش روھىغا ئىلھام ۋە مەدەت بولۇشتىن ئىبارەت. بۇندىن كېيىن بىز يېزا مەكتەپ پىدائىيلىق مۇلازىمىتىمىزدە «قاتتىق دىتال» قۇرۇلىشىغا ياردەم بېرىپلا قالماستىن، «يېزا مەكتەپ ئايال ئوقۇتقۇچىلىرىغا غەمخورلۇق قىلىش»تەك تۈرلەر ئارقىلىق يېزا مەكتەپلىرىنىڭ «يۇمشاق دىتال» قۇرۇلىشىغا تېگىشلىك تۆھپىمىزنى قوشىمىز. يېزا مەكتەپ پىدائىيلىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئاشۇ يېزىلاردىكى مىھنەتكەش ئايال ئوقۇتقۇچىلىرىمىزنى قوللايمىز. شۇنداقلا، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنى يېزا مەكتەپ ئايال ئوقۇتقۇچىلىرىغا غەمخورلۇق قىلىشقا، ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلۈشكە تەۋسيە قىلىمىز. يېزا مەكتەپ ئايال ئوقۇتقۇچىلىرىغا كۆڭۈل بۆلگەنلىك كەلگۈسىمىزگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكتۇر.
ماقالە ئاپتۇرى: يالقۇن ئوسمان
ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغۇچى: ئابدۇرەشىد مۇھەممەدئىمىن
فوتوگراف : چىن فىڭ، نىجات نىياز، جاڭ روڭ