تىيەنجىندىكى بىرىنجى ئېگىز بېنا «تىيەنجىن مۇنارى» سىناق تىجارىتنى باشلىۋەتتى

1994 2011-07-08 10:27:44   شىنخۇا تورى   ياسىنجان
T|T:خەت رەزمىرى

     7-ئاينىڭ 7-كۈنى، بىر زىيارەتچى 308 مېتىر ئېگىزلىكتىكى تاماشا قىلىش سۇپىسدا تىيەنجىن شەھىرىنىڭ مەنزىرىسىگە نەزەر سالدى. شۇ كۈنى، تىيەنجىن خەلقئارالىق پۇل مۇئامىلە مەركىزى كەچۈرمىشلىك ھېس قىلىش رايونى رەسمىي ئېچىۋېتىلدى، خەۋەر بېرىلىشىچە تىيەنجىندىكى بىرىنجى ئېگىز بېنا «تىيەنجىن مۇنارى» رەسمىي ھالدا سىناق تىجارەت باسقۇچىغا كىرگەن. ئاللىبۇرۇن پۈتۈپ بولغان تىيەنجىن خەلقئارالىق پۇل مۇئامىلە مەركىزى يەنى «تىيەنجىن مۇنارى» خەيخې دەرياسى ياقىسىغا جايلاشقان بولۇپ، ئېگىزلىكى 336.9 مېتىر، يەر ئۈستى 75 قەۋەت، يە ئاستى 4 قەۋەت، بۇ بېنا جوڭجۇنىڭ قەدىمىي قەغەز قاتلىما سەنئىتىدىن ئۆرنەك ئالغان بولۇپ، تىيەنجىندىكى بىرىنچى ئېگىز بېنا ھېساپلىنىدۇ.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博