جاڭ چۈنشيەن ئۈرۈمچى كەچلىك بازىرىدا

2011-07-05 18:15:38   تېڭشۈن تورى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

 

      4-ئىيۇل ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ پارتىكوم شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن ئۈرۈمچىنىڭ 1-ئىيۇل كەچلىك بازىرىدا، بازاردىكى ئامما بىلەن تەڭ قەدەھ كۆتۈرۈپ ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تۇرمۇشىنىڭ تېخىمۇ ياخشى بۇلۇشنى تىلىدى.

 

 


  4-ئىيۇل كەچ سائەت 8 لەردە، 1-ئىيۇل كەچلىك بازىرىنى ئايلىنۋاتقان  ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ پارتكوم شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن كەچلىك بازاردىكى ئاممىنىڭ دىققىتىنى تارتتى . كاۋاپ، ئۆپكە -ھېسىپ ،قانات قاتارلىق ھەرخىل  تائاملار ۋە ساتقۇچىلارنىڭ  :«كېلىڭ كېلىڭ ھەرخىل مېزىلىك  كاۋاپلار بار»دەپ توۋلاشلىرى ئادەمنى ئۆزىگە جەلپ قىلاتتى. جاڭ چۈنشيەن بىر كاۋاپ تەنزىسىنىڭ ئالدىغا كېلىپ، كاۋاپ ساتقۇچى ئەخمەتجاندىن «سودىڭىز قانداقراق ؟كۈندە نەچچە پۇل پايدا قالىدۇ ؟ بۇ يەرنىڭ ئىجارىسى قىممەتمۇ؟» دېگەندەك سۇئاللارنى سورىغىنىدا، ئەخمەتجان :«مەن داۋانچىڭدىن 2007-يىلى بۇ كەچلىك بازارغا كەلدىم، كۈندە كەچتە1000 زىقتىن ئارتۇق كاۋاپ ساتىمەن، 400يۇەندىن ئارتۇق كىرىم بولىدۇ»دەپ جاۋاب بەردى. جاڭ چۈنشيەن ئەخمەتجانغا «كېيىن تۇرمۇشىڭلار تېخىمۇ ياخشى بولۇپ كېتىدۇ» دەپ كۈلىدۇ ،دەل شۇ ۋاقىتتا ياندىكى تۇرسۇن مەمەت بۇ ئادەمنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ پارتكوم شۇجىسى جاڭ چۈنشەن ئىكەنلىكىنى تونۇپ :«بىز ھەممىز بىلىمىز، سىز ئالىمجاننىڭ ئاكىسى بولىسىز، مىنىڭ سىز بىلەن رەسىمگە چۈشكۈم بار» دېدى.


 


     نۇرغۇنلىغان كىشىلەر شۇجى بىلەن بىرلىكتە رەسىمگە چۈشتى .جاڭ شۇجى تاماق يەۋاتقان كىشىلەردىن قىزغىن ھال سورىدى ،ئۇلارنىڭ ئارىسىغا كىرىپ ئولتۇرۇپ ئۆي ئىشلىرىنى پاراڭلاشتى، ئۇلارنڭ ئارىسىدا جوڭگۇنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن كىشىلەر بولۇپ ، بۇ ئەسلىدە دوستلار يىغىلىشى ئىكەن. جاڭ شۇجى ئۇلاردىن «شىنجاڭغا بولغان تەسىرىڭلار قانداقراق؟» دەپ سورىدى.
   ئۇلار ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي «شىنجاڭ تەسىرى»نى سۆزلەشكە باشلىدى،«مەنزىرىسى گۈزەل، تاماقلىرى يېيىشلىك، ئادەملىرى تېخىمۇ ياخشى، ئىشقىلىپ ھەممە نېمىسى ياخشىكەن» دېيىشتى.
   جاڭ چۈنشيەن ئۇلارغا شىنجاڭنى بىر قۇر تونۇشتۇرغاندىن كېيىن، ئۇلارنى مېھمان قىلدى ۋە بىرلىكتە قەدەھ كۆتۈرۈپ، تىلەك تىلىدى: «شىنجاڭغا كۈچ قوشايلى، شىنجاڭ ياخشى!».