قەشقەردىكى پاراشوك زاۋۇتى پارتىلاپ بەش ئادەم ئۆلدى

7202 2011-07-06 10:18:39   تېڭشۈن تورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

    6-ئىيۇل ئەتىگەن سائەت  4:40ئۆتكەندە قەشقەردىكى پاراشوك زاۋۇتىنىڭ  ھور قازانى پارتىلاپ تۆت ئادەم ئۆلۈپ بەش ئادەم يارلانغان .


          ئەتىگەن تاڭ ئەمدى يورىغاندا تۇيۇقسىز ‹پوڭ›قىلغان ئاۋاز ئاڭلاندى ،بۇ ئاۋازدىن ئەتراپتىكى ئۆيلەرنى تەۋرىتىۋەتتى ،بۇ دەل  پاراشوك زاۋۇتىنىڭ پارتىلىغان ئاۋازى ئىدى.
      بۇ پارتىلاشتا  زاۋۇت يېنىدىكى ئىككى خىش ئۆي ئۆرۈلدى .زاۋۇتتىكى تۆت ئىشچى ۋە قوشنا ئىككى ئۆيدىكى 9ئادەم ئوخشىمىغان دەرىجىدە يارلاندى ،بۇنىڭ ئىچىدىن تۆت ئادەم ئۆلدى ،بىر ئادەم ئېغىر زەخمىلەندى يەنە تۆت ئادەم يىنىك دەرىجىدە زەخمىلەندى . پارتىلاش يۈز بەرگەندىن كېيىن قەشقەر رايونلۇق ئۇت ئۆچۈرۈش مەركىزىي ئۈچ ماشىنا 17 ئەسكەرلەرنى ئەۋەتىپ قۇتقۇزۇش ئېلىپ باردى .پارتىلاشنىڭ تەسىرىدىن ياندىكى  خىش ئۆيلەرنىڭ  ھەممىسى ئۆرۈلۈپ تۈپتۈز بۇلۇپ كەتكەنلىكتىن يەتتە ئادەم ئۆي ئاستىدا قالىدى ،قۇتقۇزۇش ئەترىتى ئۇلارنىڭ ئېنىق ئورنىنى تاپماقتا .
      بۇ پارتىلاشتىن كېين قەشقەريەرلىك ،شەھەرلىك رەھبەرلەر شۇ ۋاقىتىنىڭ ئۆزىدە نەق مەيدانغا يېتىپ بېرىپ قۇتقۇزۇش ھەركىتى ئېلىپ بارغان.تەكشۈرۈلۈشچە بۇ زاۋۇت  ئىپارخان چەكلىك شىركىتىنىڭ تارماق زاۋۇتى بۇلۇپ  جاۋابكار  ساقچى تەرەپتىن تۇتۇپ تۇرۇلۇپتۇ .

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博