2011-يىلى 8-ئاينىڭ 26-كۈنى، قەشقەر ئايرىدروم بىخەتەرلىك پونكىتى خىزمەت خادىملىرى قەشقەردىن ئۈرۈمچىگە ئۇچىدىغان MU5634 قېتىملىق ئايروپىلاننىڭ يولۇچىلار بۆلمىسىنى تەكشۈرۈش جەريانىدا، بىر يولۇچىنىڭ يۈك-تاقىسى X نۇرىدىن ئۆتكۈزۈلگەندە ئېكراندا چاقماقنىڭ رەسىمى كۆرۈنگەن. قەشقەر ئايرىدروم بىخەتەرلىك پونكىتى خىزمەتچى خادىملىرى يۈك-تاقىنى ئېچىپ تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلغان، تەپسىلىي تەكشۈرۈش ئارقىلىق، بىر دانە ئولىمپىك مەشئىلى شەكلىدىكى چاقماق بايقان. يولۇچىنىڭ دېيىشىچە، بۇ چاقماقنى دوستى خاتىرە بۇيۇم سۈپىتىدە سوۋغا قىلغان ئىكەن.
بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش خادىملىرى بۇ يولۇچىنى ئاسان ئوت ئالىدىغان بۇيۇملارنى ئېلىپ ئايرىدرومغا چىقماسلىقنى ئاگاھلاندۇرغاندىن كېيىن، بۇ يولۇچى ئايروپىلانغا چىقىشتىن ۋاز كەچكەن، ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، بۇ خىلدىكى ئاجايىپ يۇقىرى دەرىجىدە نىقاپلانغان چاقماقنىڭ قەشقەر ئايرىدرومىدا بايقىلىشى تېخى تۇنجى قېتىم ئىكەن.
ھەمبەھىرلىنىڭ