شىنجاڭ قەشقەر شەھرىدە كېرا ماشىنىلىرىنىڭ ماي تولۇقلىما پۇلى ئارقىمۇ - ئارقا ماشىنا ئىگىلىرىنىڭ ھەر بىرسىگە 12950يۈەنلىك يىقېلغۇ تولۇقلىمىسى تارقىتىلىپ بىرىلدى . بۇ قەشقەر ۋىلايىتى يىللاردىن بۇيان تارقاتقان بىرقىتىملىق ئەڭ يۇقىرى ماي تولۇقلىمىسى ئىكەن .
《مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ 2010 - يىللىق پىششىق ماي باھا ئىسلاھاتىغا مالىيە تولۇقلىما ياردىمى ئورۇنلاشتۇرغانلىق توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش》قا ئاساسەن ، شىنجاڭ مالىيە نازارىتى 1مىلىيارت 200مىلىيۇن يۈەن ئاجراتقان بولۇپ ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى يېزا تېرانسىپۇرت ، شەھەر قاتنىشى ۋە كېرا ماشىسىنىڭ ماي تولۇقلىمىسىغا ئىشلەتكەن . قەشقەر شەھەرلىك قاتناش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ ئەپەندىن موخبىرغا مۇنداق دىدى . قەشقەر شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ھاۋالىسىغا بويىچە ، ئاساسەن ، قاتناش مىنىستىرلىقىنىڭ 2011 -يىلى 61 - نومۇرلۇق ھۆججىتىنىڭ روھىغا ئاساسەن ، 2010 -يىلىدا كېرا ماشىنىلىرى ۋە ئاممىۋى قاتناش ماشىنىلىرىغا يىقېلغۇ تولۇقلىمىسى تارقىتىلىدۇ . بۇ قىتىملىق يىقېلغۇ تولۇقلىمىسىنى تارقىتىشقا قاتناش تېرانسىپۇرت نازارىتى ، شىنجاڭ مالىيە نازارىتى بىرلىشىپ بىزگە (قەشقەر شەھرىگە )34مىلىيۇن 370مىڭ يۈەن بۇيرۇپ بەردى .بۇ پۇل قەشقەر شەھرىدىكى 358ئاممىۋى قاتناش ۋە 1877 كېرا ماشىنىسىغا يىقىلغۇ تولۇقلىمىسى قىلىپ تارقىتىلىدۇ .ئاممىۋى قاتناش ماشىنىسىنىڭ ھەربىرسىگە تارقىتىش ئۆلچىمى 28320يۈەن ، كېرا ماشىنىلىرىنىڭ ھەر بىرسىگە 12950يۈەن ئۆلچەم بويىچە تارقىتىلىدۇ .
ئىگىلەشكە قارىغاندا ، قەشقەر ۋىلايىتى بۇ يىل جەمئى 34مىلىيۇن 377 مىڭ 742يۈەن يىقېلغۇ تولۇقلىمىسى تارقاتقان بولۇپ ، تارقىتىش دائىرىسىگە 2010 - يىلى يىل ئاخىرسىدا ، قاتناش (ياكى قۇرۇلۇش تارماقلىرى) ،تېرانسىپۇرت باشقۇرۇش تارمىقلىرى بىجىرگەن قانۇنلۇن كۈچكە ئىگە رەسمىيەتلىرى ( تىجارەت ئىجازەتنامىسى ، يول تېرانسىپۇرت كىنىشكىسىنى 2010 - يىللىق تەكشۈرۈشكە قاتناشتۇرغانلار) بار تىجارەت قىلىۋاتقان شەھەر ئاممىۋى قاتنىشى ۋە كېراكەشلىك بىلەن شۇغۇللىنۋاتقان ماشىنىلار كىرىدىكەن . 2010 - يىلى يىڭىدىن كۆپەيگەن ماشىنىلارنىڭ ئەمىلىي تىجارەت قىلغان ۋاقتى ھىسابلىنىپ ئاي بويىچە ھىسابلاپ تارقىتىلىدىكەن . 2011 - يىلى يىڭىدىن كۆپەيگەن ماشىنىلار ، تولۇقلاپ تەكشۈرۈشكە قاتناشتۇرغان ماشىنىلار بۇ دائىرىگە كىرمەيدىكەن . 2011 - يىلى بېراك قىلىنىپ يىڭىلانغان ماشىنىلارغا ئالدىنقى يىلىدىكى تىزىملاپ رويخەتكە ئىلىنغان ئورۇن سانى بويىچە تارقىتىلىدىكەن .