نۇر بەكرى قەشقەردە بىگۇناھ ئاممىنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى

334 2011-08-03 16:40:21   ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
   ئاپتونوم رايونلۇق پارتىكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجۇسى ،ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى 1-ئاۋغۇست سەھەردە قەشقەرگە بېرىپ ،قەشقەردە يۈز بەرگەن ئېغىر زوراۋانلىق -تېرورلۇق جىنايى دېلوسىنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرلەپ ئورۇنلاشتۇردى ،بەخىتكە قارشى قازا قىلغان بىگۇناھ ئاممىغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈردى ،يارلانغان ئامما ج خ خەلق ساقچىلىرى ۋە قازا قىلغانلارنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى .ئۇ مۇنداق دېدى :زوراۋانلىق -تېرورلۇق جىنايىتى قىلمىشلىرىغا قەتئىي زەربە بېرىپ ،ئاممىنىڭ ھاياتى ۋە مال مۈلىكى بىخەتەرلىكىگە كاپاتلىك قىلىش كېرەك .يارلانغان ئاممىنى ھەرقانداق بەدەل تۆلەشتىن ئايانماي قۇتقۇزۇش كېرەك .ئېغىر زوراۋانلىق -تېرورچىلىق جىنايى دېلوسىدا يارلانغان ئامما دەرھال قەشقەر 1-خەلق دوختۇرخانىسى ،2-خەلق دوختۇرخانىسى ۋە بىڭتۈن يېزا ئىگىلىك 3-شى دوختۇرخانىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى.ھازىر مۇتەخەسىسلەر ياردارنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قۇتقۇزماقتا .

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博