قەشقەر شەھرىدە ئاممىغا ھۇجۇم قىلغان زوراۋانلىق -تېرورلۇق دېلوسى يۈز بەردى

4758 2011-08-02 10:37:20   ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
     ئىككى جىنايەت گۇماندارى 30-ئىيۇل سائەت 23:45تە قەشقەر شەھرىدىكى يېمەك -ئىچمەك كوچىسى ئېغىزىدا يېشىل چىراغنىڭ يېنىشىنى ساقلاپ تۇرغان بىر يۈك ئاپتوموبىلنى بۇلاپ ،شوپۇرنى پىچاق تىقىپ ئۆلتۈرگەندىن كېيىن ،يۈك ئاپتوموبىلنى ھەيدەپ كىشىلەر ئارىسىغا بۆسۈپ كىردى ھەم ئاپتوموبىلدىن چۈشۈپ ،يول بويىدىكى ئاممىغا   پىچاق تىقىپ ،نەق مەيداندا ئالتا بىگۇناھ كىشىنى ئۆلتۈردى ،28كىشىنى يارلاندۇردى .ئەتراپتىكى ئامما بۇ ئىككى جىنايەت گۇماندارىنى جان پىدالىق بىلەن تۇتتى ،ئېلىشىشىتا بىر جىنايەت گۇماندارى ئۆلدى ،بىر جىنايەت گۇماندارى تۇتۇلدى .
     31-ئىيۇل سائەت 16:00ئۆپچۆرىسىدە بىر توپ زوراۋان تېرورچى ئالدىنئالا پىلانلاپ ،قەشقەر شەھرىنىڭ ‹شياڭشيې›كوچىسىدىكى بىر ئاشخانىغا باستۇرۇپ كىرىپ ،ئاشخانا خوجايىنى ۋە بىر مولازىمەتچىنى ئۆلتۈردى ھەم ئاشخانىغا ئوت قويۇۋەتتى .ج خ خەلق ساقچىلىرى ،ئوت مۇداپىئە ئوفىتېسېر-ئەسكەرلىرى نەق مەيدانغا ئوت ئۆچۈرگىلى بارغاندا ،بۇ تېرورچىلار ئاشخانىدىن ئېتىلىپ چىقىپ ئەتراپتىكى ئاممىنى خالىغانچە چېپىپ ،يەنە 12 كىشىنە يارلاندۇردى ،تۆت كىشىنى ئۆلتۈردى .ج خ خەلق ساقچىلىرى كەسكىنلىك بىلەن ئوق چىقىرىپ ،تۆت جىنايەت گۇماندارىنى نەق مەيداندا ئېتىپ ئۆلتۈردى ،بىر جىنايەت گۇماندارى دوختۇرخانىغا ئاپىرىلغاندىن كېيىن ئۆلدى ۋەقەن بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدا ئۈچ ج خ خەلق ساقچىسى يارلاندى .
    ھازىر يارلانغان ئامما دوختۇرخانىدا داۋالىنۋاتىدۇ ،ج خ ئورگانلىرى ساقچىلارنى تەشكىللەپ ،قېچىپ كەتكەن جىنايەت گۇماندارىنى تۇتۇۋاتىدۇ .

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博