ئۆسمۈرلەرگە پەسكەشلىك قىلغان ئوقۇتقۇچى جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇلدى

2011-06-15 12:31:07   www.basbas.cn   نادىرە
T|T:خەت رەزمىرى
      جۇڭگو ئاخبارات تورى تەيجوۋ 14-ئىيۇن تېلگېراممىسى مۇخبىر بۈگۈن جېجياڭ سەنمېن ناھىيەسىدىكى ج خ ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 11-ئىيۇن، سەنمېن ناھىيەسىدىكى مەلۇم مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى لو xx ئۆسمۈر قىزلارغا پەسكەشلىك قىلىش جىنايىتى بىلەن جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويغان.
     لو xx بۇ يىل 52 ياش، سەنمېن ناھىيەسىدىكى مەلۇم مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى. سەنمېن ساقچى تەرەپنىڭ دەسلەپتىكى قەدەمدە تەكشۈرۈشىگە ئاساسلانغاندا، ئۆتكەن يىلى 10-ئايدىن باشلاپ، لو xx ھەرخىل باھانىلەر بىلەن، ئىلگىرى كېيىن بولۇپ 13 ياشتىن 14 ياشقىچە بولغان قۇرامىغا يەتمىگەن قىزلارنى ئالداپ ياتىقى ياكى ئۆيىگە ئاپىرىپ، پەسكەشلىك قىلغان ۋە ئىپپەت-نومۇسىغا تەگكەن. 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، سەنمېن ساقچى تەرەپ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ دېلو مەلۇماتىغا ئاساسەن، لو xx نى چاقىرتىپ سوراق قىلغان. نۆۋەتتە جىنايەت گۇماندارى  ساقچىلار تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇلغان بولۇپ، دېلوغا مۇناسىۋەتلىك ئىسپاتلار تەكشۈرۈلمەكتە.
    دېلودىكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار قۇرامىغا يەتمىگەنلەر بولغاچقا، سەنمېن ناھىيەسىدىكى ج خ ئىدارىسى ۋە مائارىپ ئىدارىسى زىيانكەچلىككە ئۇچرىغۇچىلارغا پىسخىكا تەربىيە ئېلىپ بېرىپ، ھەمدە قوغداش تەدبىرى قوللىنىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ تېخىمۇ چوڭ زىيانغا ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئالدى.