ئامېرىكىنىڭ «ئاخىرقى زامان ئايروپىلانى» ئاشكارلاندى

2011-06-13 12:31:54   www.basbas.cn   نادىرە
T|T:خەت رەزمىرى

 

    ئامېرىكا ئىشلىگەن«ئاخىرقى زامان»ناملىق فىلىمدە، ئامېرىكىدىكى بىر تۈكۈم ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى زۇڭتۇڭ مەخسۇس ئايرۇپىلانىغا ئولتۇرۇپ خەتەردىن ئۆتۈپ كېتىدۇ، « ئاخىرقى زامان ئايرۇپىلانى»بولسا مۇشۇ ئايروپىلاننىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيسى يېقىندا «ئاخىرقى زامان ئايروپىلانى»نىڭ ئىچكى تۈزۈلۈشىنى ئاشكارىلاپ، يادرو ئۇرۇشى، مېتېئورىت ھۇجۇمى قاتارلىق يەرشارى «ئاخىرقى زامان مۇھىتى»غا ھەقىقىي تاقابىل تۇرالايدۇ دەپ كۆرسەتكەن.
   ئامېرىكا «ئاخىرقى زامان ئايروپىلانى»نىڭ ھەربىي نۇمۇرى E-4B بولۇپ، ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ 55- ئۇچۇش ئەترىتىگە تەۋە، نۆۋەتتە مۇشۇ تىپتىكى ئايروپىلاندىن 4 دانىسى بار ئىكەن. بۇ ئايروپىلاننىڭ ئاساسلىق رولى ئامېرىكا بۇزغۇنچىلىق خارەكتىرىدىكى ئاپەتكە يولۇققاندا، دۆلەت زۇڭتۇڭى، دۆلەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرى قاتارلىق ئارمىيە ۋە ھۆكۈمەت رەھبەرلىرىنى قوغدايدىكەن، ھەتتا ھۆكۈمەت ۋە ھەربىي قوماندانلىق شتابىنى ۋاقىتلىق ھاۋا بوشلۇقىغا يۆتكەپ كېتەلەيدىكەن.
    بۇ ئايروپىلان پۈتۈش باھاسى 2 مىليارد 230 مىليون ئامېرىكا دوللىرى، موردانت 747 تىپلىق ئايروپىلاندىن ئۆزگەرتىپ ياسالغان بولۇپ ، 112 ئادەم ئولتۇرۇشقا بولىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا بۇ ئايروپىلاننىڭ ماي باكىنىڭ زاپاس مىقدارى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان بولۇپ، 185 توننا ماي ساقلىيالايدىكەن، بوشلۇقتا ئۇدا بىر قانچە كۈن تۇرسىمۇ يېقىلغۇ ماي تولۇقلاشنىڭ ھاجىتى يوق ئىكەن.
   «ئاخىرقى زامان ئايروپىلانى»غا ئېغىرلىقى 165 مىڭ قاداق كېلىدىغان ئېلىكترونلۇق ئەسۋاب ۋە ئاراچلارنى ھىم تۇتاشتۇرىدىغان قوغداش قېپى ئورنىتىلغان بولۇپ، بۇ ياردو رادائاتسىيىسىدىن ساقلىنىش قۇرۇلمىسى ھېسابلىنىدىكەن، مۇشۇنداق بولغاندا ئايروپىلاندىكى ئادەملەر يادرو رادىئاتسىيىسىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىمايدىكەن. ئايروپىلان باشلىقى مۇخپىرنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغاندا: «ئاخىرقى زامان ئايروپىلانى پەقەت بىرلا ئەمەس، ھەربىر ئايروپىلان بىر يىل 365 كۈننىڭ ھەربىر كۈنىدىكى 24 سائەتنىڭ ھەممىسىدە بويرۇق كۈتۈش ھالىتىدە تۇرىدۇ»دېگەن.
    ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىرىنچى سېرژانتى Joey Stolte :«بىزگە بىر تېلىفۇن نۇمۇرى بېرىلسە، قانداق ۋاقىت، قانداق ئورۇندا بولىشىدىن قەتئىينەزەر، پەقەت يەر شارىدىلا بولسا، بىز بەلگىلەنگەن ئادەمنى ئايروپىلانغا ئېلىپ چىقالايمىز»دەپ كۆرسەتكەن.ئۇ يەنە:« بىز ھەتتا چوڭقۇر دېڭىز ئاستىدىكى سۇ ئاستى پاراخوتىدىكى ئادەملەر بىلەنمۇ ئالاقىلىشالايمىز،  5 مىل ئۇزۇنلۇقتىكى توم ئارغامچا ئارقىلىق سۇ ئاستى پاراخوتىنى توتاشتۇرۇپ تۇرغىلى بولىدۇ»دېگەن.