دۇنيا خەير-ساخاۋەت ئورگىنى 5-ئىيۇل نايروبىدا بايانات ئېلان قىلىدۇ، باياناتىدا: ‹كىنىيە ،ئېفئىوپىيە ،سومالى قاتارلىق بۇ ئۈچ دۆلەتتە 60يىلدىن بۇيانقى ئەڭ قاتتىق قۇرغاقچىلىق بولىدى ،ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاشلىقنىڭ كەم بۇلۇش ۋە ئاشلىق باھاسىنىڭ ئۆسۈشىدىن بۇ رايوندىكى 12مىلىيوندىن ئارتۇق ئادەم ئاچسىلىق گىرداۋىغا بېرىپ قالدى›دېدى .
رەسىمدىكى بۇ بالا سومالى پايتەختى مۇقدىشونىڭ سەرگەردانلىق ئورنىدا بۇلۇپ ئېغىر ئوزۇقلۇق يىتىشمىگەنلىكتىن ئاران قالغانىدى ،بۇندىن بۇرۇنقى ئككى ھەپتە ئىچىدە نەچچە مىڭلىغان ئادەم مۇشۇنداق قۇرغاقچىلىق ۋە ئاچارچىلىققا قالغان .
قۇرغاقچىلىقتىن شۇ يەردىكى ماللارنىڭ %60ئۆلۈپ بولدى .
بىرلەشمە دۆلەت ئاشلىق تەشكىلاتىنىڭ ئىستاتىكىسىغا ئاساسەن ئافرىقا رايونىدا %40تىن ئارتۇن نوپۇسقا كۈندىلىك ئوزۇقلۇق يىتىشمەيدىكەن .شۇنىڭ بىلەن بىللە بۇ قېتىمقى ئاچارچىلىقتىن بۇلاڭچىلىق قىلىش ۋە باشقا زوراۋانلىق ھەركەتلىرى كېلىپ چىققان.