ياۋمىڭ NBA دىن چېكىنىپ چىقىدىكەن

21 2011-07-12 13:33:50   سوخۇ تورى   ياسىنجان
T|T:خەت رەزمىرى
      ياۋمىڭ چېكىندىمۇ؟ شۇنداق، ياۋمىڭ چېكىندى. گەرچە ياۋمىڭ ۋە كوماندىدىكىلەر رەسمىي ھالدا بۇ خەۋەرنى ئېلان قىلمىغان بولسىمۇ، بىراق نۇرغۇنلىغان تەرەپلەردىن كەلگەن خەۋەرلەر ۋە ياۋمىڭ كوماندىسىنىڭ ئەڭ يېڭى ئىنكاسىغا قارىغاندا، ياۋمىڭنىڭ چېكىنىشكە ئەمدى ئويلىغۇدەك يېرى قالمىدى، بىردىنبىر ئويلايدىغىنى بولسا قاچانلىققا چېكىنگەنلىكىنى رەسمىي ئېلان قىلىش بولۇپ قالدى.
      تۆنۈگۈندىن باشلاپ، ئامېرىكا تەرەپتىن ياۋمىڭنىڭ چېكىنگەنلىك خەۋىرى كىلىشكە باشلىدى، ياخۇ تەنتەربىيەسى، ESPN ۋە NBA نىڭ تور بېكەتلىرى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ياۋمىڭنىڭ چېكىنىش خەۋىرىنى ئېلان قىلىدى. گەرچە ياۋمىڭ كوماندىسى مەسئۇل خادىمى جاڭ مىڭجى زىيارەتنى قۇبۇل قىلغان ۋاقىتتا ياۋمىڭنىڭ چېكىنگەنلىكىنى ئېلان قىلمىغانلىقى، ھەم بۇ ئىشنى NBA ئىتتىپاقىغا ۋە راكېتاغا دوكىلات قىلمىغانلىقى توغرىسىدا ئىپادە بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما تۆنۈگۈن چۈشتە، ياۋمىڭ كوماندىسى مۇخبىرلارغا ئېلخەت ئەۋەتىپ، 7- ئاينىڭ 20-كۈنى شاڭخەيدە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان، شۇ ۋاقتىدا كۆپچىلىككە ياۋمىڭنىڭ شەخسىي ئېگىلىكىنىڭ تەرەقىيات پىلانىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىلىدىكەن،ياۋمىڭنىڭ چېكىنىپ چىقىدىغانلىقى ئېنىق بېكىتىلىپ بولدى،   پەقەت قايسى ۋاقىتتا رەسمىي ئېلان قىلىندىغانلىق مەسىلىسىلا قالدى.
      بۇ يىل يازدا دۆلەتكە قايتقان مەزگىلدە، ياۋمىڭ كەسپىي ھاياتىنىڭ كەلگۈسى توغرىسىدا كۆپ قېتىم تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئاساسلىق مەسىلە ئۇنىڭ پۇتىنىڭ يارىلانغاندىن كېيىنكى ئەسلىگە قايتىش ئەھۋالى ئىدى، ياۋمىڭ ئىلگىرى ئۆزىنىڭ كەسپىي ھاياتىنى داۋاملاشتۇرىدىغان ياكى داۋاملاشتۇرمايدىغانلىقىغا 8- ئايدا قارار چىقىرىدىغانلىقىنى ئېيتقان، بۇنىڭ ئىچىدە چېكىنىشمۇ ياۋمىڭنىڭ تاللىشىنىڭ بىرى.
      بىراق، ئامېرىكا ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ بۇ خەۋەرنى ئاشكارىلىۋېتىشىغا ئەگىشىپ، ياۋمىڭ ۋە ياۋمىڭ كوماندىسى ھامان يېتىپ كېلىدىغان بۇ مەسىلىگە ئامالسىز بالدۇر يۈزلەندى. ھازىر قارىغاندا، ياۋمىڭ كوماندىسى بىرىنچى قېتىم ياۋمىڭنىڭ چېكىنىشىنى «ئېتىراپ قىلمىغان»، بۇ ئېتىراپ قىلماسلىق پەقەتلا ياۋمىڭنىڭ چېكىنىدىغانلىقىنى قاچان رەسمىي ئېلان قىلىدىغانلىقىنى ئاشكارىماسلىق بولۇپ، ئەمما چېكىنىپ چىقىپ كېتىشنى ئېتىراپ قىلماسلىق ئەمەستەك قىلىدۇ. مۇشۇنچىۋالا چوڭ خەۋەرنىڭ سىرتقى ئاخبارات ۋاستىلىرى تەرەپتىن ئوغىرلاپ كېتىلىشى، ئەمما ياۋمىڭ ۋە ياۋمىڭ كوماندىسى تەرەپتىن ئېلان قىلىنماسىلقىمۇ، ئېھتىمال ياۋمىڭ كوماندىسىنىڭ ئاۋال ئىنكار قىلىپ، كېيىن ئاخبارات تارقىتىش خەۋىرى ئېلان قىلىش شەكلىنىڭ ئەسلىي سەۋەبى بولسا كېرەك.
      ئەمەلىيەتتە، ياۋمىڭنىڭ چېكىنىپ چىقىپ كېتىشىمۇ كۈتۈلمىگەن ئىش ھېسابلانمايدۇ. ئىككى قېتىم ئېغىر يارىلانغان بولغاچقا، يامىڭ ئىككى يىلدىن بۇيان ئۈزلۈكسىز ھالدا يېرىم ئارامغا چىقىش ھالىتىدە تۇرغان، تەنتەربىيە مۇسابىقىسى ۋە جىسمانىي كۈچى ئاللىبۇرۇن كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىگەن، ھەتتا ئالدىنقى قىشتا مۇسابىقىدە قايتا يارىلانغاندىن كېيىن، پۇتىنىڭ ئەسلىگە كېلىش كەلمەسلىكىمۇ بىر گۇمانلىق مەسىلە بولۇپ قالغان، ھەم بۇ ياۋمىڭنىڭ كەسپىي ھاياتىنى داۋاملاشتۇرۇشقا تەسىر كۆرسىتىدىغان ھالقىلىقى ئامىل بولۇپ قالغان. ھازىر قارىغاندا، ياۋمىڭنىڭ يارىسىنىڭ ئەسلىگە كېلىش ئەھۋالى بەلكىم ئاللىبۇرۇن NBA نىڭ يۇقىرى دەرىجىدىكى قارشى تۇرۇش تەلىپىنى قاندۇرالمىغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە NBA ئاللىبۇرۇن توختاپ قالدى، بۇ ھەم ياۋمىڭنىڭ چېكىنىپ چىقىش قەدىمىنى تېزلەتتى.
      چېكىنىپ چىقىشنى ئويلىشىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ياۋمىڭ ئاللىبۇرۇن چېكىنى چىققاندىن كېيىنكى ھالەتكە تەدىرىجى ھالدا كىرىشىپ بولغان. بۇ يىل يازدا دۆلەتكە قايتقاندىن كېيىن، ياۋمىڭنىڭ پائالىيەت كۈن تەرتىپى باشقا ھەرقانداق ۋاقىتتىن كۆپ بولغان. ياۋمىڭ باشقا ئوخشىمايدىغان ئۇسلۇپتىكى سورۇنلاردا ئۈزلۈكسىز ھالدا توپچى ئەمەس سالاھىيىتنىڭ سېھرىي كۈچىنى كۆرسىتىپ تۇرغان، ھەم مەقسەتسىز ھالدا سىرتقى دۇنياغا ئۆزىنىڭ چېكىنگەندىن كېيىنكى تۇرمۇشىنى ئىپادىلەپ تۇرغان.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر