ئاساسىي تېما : ئاشخانىدا قاچا – قۇچىنى ئىشلەتكەنگە ھەق ئېلىشئاۋاتلىقى:177ساقلاش | ئۇلىنىش كوپىيىلەش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما



دەرىجىسى:پالۋان


جەۋھەر پۈتۈك: 1

پۈتۈك سانى: 122
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 124 نوقتا
پۇل : 1240 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:132(سائەت)

 ئاشخانىدا قاچا – قۇچىنى ئىشلەتكەنگە ھەق ئېلىش

       ئاپتونوم رايونلۇق سودا – سانائەت ئىدارىسىنىڭ 12315 ئەرز قىلىش، شىكايەت قىلىش، پاش قىلىش قوماندانلىق مەركىزىنىڭ ستاتىستىكىسىدا كۆرسىتىلىشىچە، ‹‹15 – مارت›› ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش كۈنى مەزگىلىدە، ئاشخانىدا قاچا – قۇچىنى ئىشلەتكەنگە ھەق ئېلىش ئەرز قىلىش قىزىق نۇقتىسىغا ئايلانغان.
      يېقىندىن بۇيان ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك 12315 قوماندانلىق مەركىزىنىڭ دېلو قوبۇل قىلىش مىقدارى تېزدىن ئاشقان بولۇپ، 15 – مارت كۈنىلا قوبۇل قىلىنغان مەسلىھەت سوراش، ئەرز، شىكايەت، پاش قىلىش دېلوسى 4483كە يەتكەن.
      مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ‹‹15 – مارت›› ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيۇشتۇرغان كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىدە قاچا – قۇچىنى ئىشلەتكەنگە ھەق ئېلىش ئەھۋالى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، بۇ مەسىلە 12315 قوماندانلىق مەركىزىنىڭ مەسلىھەت سوراش قىزىق نۇقتىسىغا ئايلانغان. دېزىنفېكسىيىلەنگەن قاچا – قۇچىنى بىر قېتىم ئىشلەتكەنلىك ئۈچۈن بىر يۈەن ھەق ئېلىش مەسىلىسى ئوتتۇرا، كىچىك ئاشخانىلاردا ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت بولۇپ، ئىستېمالچىلارنىڭ بۇنىڭغا ئىنكاسى ئىنتايىن كۈچلۈك. 12315 قوماندانلىق مەركىزى ئىستېمالچىلارنى شۇنداق ئاگاھلاندۇرىدۇكى، يېمەك – ئىچمەك كارخانىلىرى ئىستېمالچىلارنى بىخەتەر، پاكىز غىزالىنىش مۇھىتى ۋە قاچا – قۇچىلار بىلەن تەمىنلىشى كېرەك، ئىستېمالچىلار بىلىش ھوقۇقى ۋە تاللاش ھوقۇقىغا ئىگە، غىزالانغاندا ئاشخانىلاردىن دېزىنفېكسىيىلەنگەن ھەقسىز قاچا – قۇچا تەلەپ قىلىشقا بولىدۇ، ئەگەر دېزىنفېكسىيىلەنگەن ھەقسىز قاچا – قۇچا بىلەن تەمىنلەنمەي، مەجبۇرىي ھەق ئېلىش ئەھۋالىغا ئۇچرىسا، ئالاقىدار ئىسپاتلارنى ياخشى ساقلاپ، 12315 غا ۋاقتىدا ئەرز قىلىشى كېرەك.
«شىنجاڭ گېزىتى» دىن ئېلىندى.
Posted: 2009-05-03 21:04 | [پۈتۈكچى]


ئىز قالدۇرالمىساڭ ئىزلارنى ئىزدە ...
دەرىجىسى:باشقورغۇچى


جەۋھەر پۈتۈك: 18

پۈتۈك سانى: 2433
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 2469 نوقتا
پۇل : 24690 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:7433(سائەت)

 

ھا ھا ھا ...
مەن شۇنداق دىسەم مەندىن چوڭ سۆزلەپ ئاخرى دىگىنى--- پۇلغا چىدىمايۋاتامسىز دەيدۇ ؟
كۈلۈپ تۇرۇپ--- بۇ يەرگە ئاچ قېلىپ كەلمىگەن --دەپ قويۇپ چىقىپ كەتسەم، خوجايىن ئارقىمىزدىن يۈگرەپ چىقىپ :
كىچىك بالىلار ئىش بىلمەيدۇ، خاپا بولمىسىڭىز --دەيدۇ ...
--- ئەمىسە سىز خوجايىنمۇ ئاۋۇ كىچىك بالىمۇ ؟--دىسەم گەپ قىلماي كەتتى ...

To be or not to be

Posted: 2009-05-03 23:19 | 1 -قەۋەت


قىزلار سۆيۈملۈكتۇر...
دەرىجىسى:تۈر مەسئۇلى


جەۋھەر پۈتۈك: 27

پۈتۈك سانى: 2243
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 2297 نوقتا
پۇل : 22970 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:1872(سائەت)

 

بۇ ھايەنكەش سودىگەرلەر بىر يۈەن ئۈچۈن باشقىلار ئەرز قىلىپ يۈرمەيدۇ، دەپ قارايدۇ. شۇڭا قورقماي پۇل ئېلىۋېرىدۇ.

ئۆزەمنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى ئېنىق بىلىمەن.

Posted: 2009-05-04 01:11 | 2 -قەۋەت


دەرىجىسى:چەۋەنداز


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 237
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 237 نوقتا
پۇل : 2370 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:368(سائەت)

 

شۇنچىلا پۇلنى خەجلەپ تاماق يېيىشكە كىرگەندىكىن ،بوپتۇلا مۇشۇ بىر يۈئەن ئۈچۈن تالىشىپ ئولتۇرمايلى دەپ ،مەردلىك بىلەن بېرىۋېتىدىغان بولۇپ قالدۇق . كۆنۈپ كەتتۇق ،كۆنۈپ كېتىۋاتىمىز ...............
ئەسلى بۇ پۇلنى بىزدىن ئېلىشى خاتا ،تاماقخانىلارنىڭ بىزگە ھەقسىز قاچا تەييارلاش مەجبۇرىيىتى بار ،قاچىڭىز بولمىسا تامىقىڭىزنى نېمە بىلەن ئالدىمىزغا ئەكىلىسىز ؟
Posted: 2009-05-04 10:12 | 3 -قەۋەت


قىزلار سۆيۈملۈكتۇر...
دەرىجىسى:تۈر مەسئۇلى


جەۋھەر پۈتۈك: 27

پۈتۈك سانى: 2243
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 2297 نوقتا
پۇل : 22970 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:1872(سائەت)

 

Quote:
3 نچى قەۋەتتىكى يازغۇچى چوغلۇق نىڭ 2009-05-04 10:12 دە يوللىغان ماقالىسى  نى ئىشلىتىش :
شۇنچىلا پۇلنى خەجلەپ تاماق يېيىشكە كىرگەندىكىن ،بوپتۇلا مۇشۇ بىر يۈئەن ئۈچۈن تالىشىپ ئولتۇرمايلى دەپ ،مەردلىك بىلەن بېرىۋېتىدىغان بولۇپ قالدۇق . كۆنۈپ كەتتۇق ،كۆنۈپ كېتىۋاتىمىز ...............
ئەسلى بۇ پۇلنى بىزدىن ئېلىشى خاتا ،تاماقخانىلارنىڭ بىزگە ھەقسىز قاچا تەييارلاش مەجبۇرىيىتى بار ،قاچىڭىز بولمىسا تامىقىڭىزنى نېمە بىلەن ئالدىمىزغا ئەكىلىسىز ؟


ھەق گەپ~~~ ئاشخانا خوجايىنلىرى قېنى سىلەر، چوغلۇق توردىشىمىز سورىغان سوئالغا بىر جاۋاب بېرىپ بېقىڭلار~~~

ئۆزەمنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى ئېنىق بىلىمەن.

Posted: 2009-05-04 10:19 | 4 -قەۋەت


ئىز قالدۇرالمىساڭ ئىزلارنى ئىزدە ...
دەرىجىسى:باشقورغۇچى


جەۋھەر پۈتۈك: 18

پۈتۈك سانى: 2433
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 2469 نوقتا
پۇل : 24690 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:7433(سائەت)

 

Quote:
4 نچى قەۋەتتىكى يازغۇچى بەگزادە نىڭ 2009-05-04 10:19 دە يوللىغان ماقالىسى  نى ئىشلىتىش :


ھەق گەپ~~~ ئاشخانا خوجايىنلىرى قېنى سىلەر، چوغلۇق توردىشىمىز سورىغان سوئالغا بىر جاۋاب بېرىپ بېقىڭلار~~~



بۇنداق يەرگە كىرەمدۇ ئۇلار ؟
پۇل تېپىۋاتىدۇ ھەممىسى ...

To be or not to be

Posted: 2009-05-04 12:27 | 5 -قەۋەت


ئارتۇقچە ئىناقلىق بىر مەنىسىزلىك!
دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 2

پۈتۈك سانى: 860
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 864 نوقتا
پۇل : 8640 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:220(سائەت)

 

    پۇل ئالسىمۇ شۇنى ئىشلەتسىلا مەيلىتىغۇ،تەكشۈرۈپ كەلگەنلەر يوق چاغدا ئىشلەتمەي چىرايلىق تىزىپ قويىدىكەن
بەزى ئاشخانىلاردا...
    B تىپلىق جىگەر ياللۇغى كۆپىيىپ كەتتى،دىققەت قىلمىسا شۇ ئاشخانىلاردىن يۇقىدۇ.
    پۇل ئالدى دېگەننى ئەرز قىلغانغا قارىغاندا ،ئاشۇنداق قاچا_قۇچا ئىشلەتمەپتۇ دېگەننى ئەرز قىلىشقا بەكرەك
ئەھمىيەت بەرسەك بولاتتى.

تۇغۇلۇشۇمدىنلا مەندە بىر خىل ئۇلۇغ كۈچ_قۇدرەت بار!

Posted: 2009-05-04 15:17 | 6 -قەۋەت


ئىز قالدۇرالمىساڭ ئىزلارنى ئىزدە ...
دەرىجىسى:باشقورغۇچى


جەۋھەر پۈتۈك: 18

پۈتۈك سانى: 2433
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 2469 نوقتا
پۇل : 24690 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:7433(سائەت)

 

Quote:
6 نچى قەۋەتتىكى يازغۇچى دەلتە نىڭ 2009-05-04 15:17 دە يوللىغان ماقالىسى  نى ئىشلىتىش :
    پۇل ئالسىمۇ شۇنى ئىشلەتسىلا مەيلىتىغۇ،تەكشۈرۈپ كەلگەنلەر يوق چاغدا ئىشلەتمەي چىرايلىق تىزىپ قويىدىكەن
بەزى ئاشخانىلاردا...
    B تىپلىق جىگەر ياللۇغى كۆپىيىپ كەتتى،دىققەت قىلمىسا شۇ ئاشخانىلاردىن يۇقىدۇ.
    پۇل ئالدى دېگەننى ئەرز قىلغانغا قارىغاندا ،ئاشۇنداق قاچا_قۇچا ئىشلەتمەپتۇ دېگەننى ئەرز قىلىشقا بەكرەك
ئەھمىيەت بەرسەك بولاتتى.


ئەرىز قىلساق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ بولۇپ، ئۇززززززززززززۇن دوكىلاتتىن بىرنى يېزىپ يۇقۇرىغا يوللايدۇ-دە، ھەممە ئىش يەنىلا كونا تەرتىپ بىلەن كېتىۋېرىدۇ ...

To be or not to be

Posted: 2009-05-04 23:45 | 7 -قەۋەت


سەت جىن ...
دەرىجىسى:باشقورغۇچى


جەۋھەر پۈتۈك: 13

پۈتۈك سانى: 3212
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 3238 نوقتا
پۇل : 32380 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:1217(سائەت)

 

بىر يۈەن ئېلىپ دېزىنفىكسىيە قىلغان قاچا - قۇچىلارنى ئىشلىتەلىسەكلا ياخشىغۇ ، ھازىر ئاشخانىلار ئاشۇنداق يالتىراق قەغەزگە ئورايدىغان ماشىنىنى ئېلىپ ئۆزلىرى ئورىۋالىدىكەن ...

Posted: 2009-05-05 00:11 | 8 -قەۋەت


دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 1

پۈتۈك سانى: 886
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 888 نوقتا
پۇل : 8880 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:980(سائەت)

 

تاماقنىڭ قىممەتلىكىدە ئەمدى تاماق يەيدىغان قاچا- قۇچىلارغىمۇ ھەق ئالىدىغان ئىش بارمىكەن.



بىلىملىكنىڭ باھاسى يوق، بىلىمسىزنىڭ ساپاسى.
بەل باغلىغان بىلەن ئەر ئەمەس، باش تارىغان بىلەن خوتۇن

Posted: 2009-05-05 00:28 | 9 -قەۋەت


دەرىجىسى:چەۋەنداز


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 237
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 237 نوقتا
پۇل : 2370 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:368(سائەت)

 

ماۋۇ جاھانگىر نەدە قالغانتۇ ؟ ئاشخانىدىكى تاماقنىڭ قىممەتلىگىنى بىلىدىكەنيۇ ،قانداق قاچىدا تاماق يەۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلماپتۇ .....ئاجايىپ ئىششششششششششش
Posted: 2009-05-05 09:45 | 10 -قەۋەت
باس باس مۇنبىرى >> تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى

Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备08000861号 增值电信业务许可证编号:新B2-20050064

Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation