1. قىزىل دېڭىز يۈسۈنى: تەركىبىدە ۋىتامىن A, B1, B2 لار بولۇپلا قالماستىن يەنە مول بولغان مېنىرال ماددا ۋە سېللۇلوزا بار بولۇپ، بەدەندە يىغىلىپ قالغان كېرەكسىز ماددىلار ۋە سۇنى ھەيدەشكە پايدىلىق. پۇت قىسىمنى ئورۇقلىتىشتا ناھايىتى ئۈنۈملۈك.
2. كۈنجۈت: قان تومۇرغا يىغىلۋالغان خولىستېرىننى ھەيدەپ، مېتابولىزمنى تېزلەشتۈرىدۇ.
3. بانان: گەرچە باناننىڭ ئىسسىقلىق مىقدارى يۇقىرى بولسىمۇ ئەمما ماي ئاز. تەركىبىدە كالىي كۆپ .ھەم قورساق تويىدىغان ھەم ماي مىقدارى ئاز بولغان يېمەكلىك.
4. ئالما: ئالمىنىڭ تەركىبىدىكى ئالما كىسلاتاسى مېتابولىزىمنى تېزلەشتۈرىدۇ. تەركىبىدە كالىتسىي كۆپ بولۇپ، بەدەننىڭ تۆۋەن قىسمىنىڭ سۇلۇق ئىششىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان تۇزلارنى ئازايتىدۇ.
5. تاۋۇز: سۈيدۈك ھەيدەيدىغان ئەڭ ياخشى مېۋە. كۆپ يەپ بەرگەندە كېرەكسىز نەرسىلەرنى ھەيدەيدۇ،شېكەر مىقدارى تۆۋەن بولغانلىقتىن كۆپ يېسىمۇ ئادەمنى سەمىرتمەيدۇ.
6.خاسىڭ: نىكوتىن كىسلاتاسى بار بولۇپ، بىر تە رەپتىن ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىل ئېلىپ كەلسە، يەنە بىر تەرەپتىن بەدەننىڭ تۆۋەنكى قىسمىغا يىغىلىپ قالغان مايلارنى ھەيدەيدۇ .
7.تۇخۇم: تەركىبىدىكى ۋىتامىن B2 ماينى ھەيدەيدۇ.
8.ئاناناس: گۆشلۈك تاماقنى يېگەندىن كېيىن يېسىڭىز ئاقسىلنى پارچىلاش رولىنى ئوينايدۇ.
9. شوخلا: پۇتتىكى ھارغىنلىقنى سۇلۇق ئىششىقنى يوقىتىدۇ. خام يەپ بەرسە تېخىمۇ ياخشى
10. پالەك : قان ئايلىنىشنى تېزلىتىدۇ.