ئامېرىكىلىق ئالىملار ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈش نەتىجىسى مۇنداق بولدى:ئەرلەر 27ياشتا ، ئاياللار 25 ياشتا توي قىلسا ئەڭ مۇۋاپىق ئىكەن .ئالىملار مۇنداق دىيىشتى :بۇرۇن توي قىلغانلارنىڭ نىكاھى بىر مەزگىللىك قىزىققانلىق ياكى ھېسىياتقا بېرىلىشنىڭ نەتىجىسى ، ئۇلار نىكاھلانغاندىن كېيىن قانداق مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەتنى زىممىسىگە ئالىدىغانلىقىنى ئەسلا ئېنىق تونۇپ يەتمىگەن .بۇرۇن توي قىلغانلارنىڭ ئارىسىدا مۇۋەپپەقىيەت قازانغاندىن كېيىن ، ئۆزىنىڭ نىكاھتىن زادى نىمىگە ئېرىشمەكچى بولغانلىقىنى ئېنىق چۈشىنىپ ، تۇرمۇشىغا توغرا قارايدىغانلارنىڭ سانى بەك كۆپ ئەمەس.
نىكاھلىنىش قانچە كېچىكسە،شۇنچە ياخشى دەپ قاراشنىڭ ئۆزىمۇ توغرا ئەمەس،چۈنكى ئىككى تەرەپنىڭ كۆپىيىش ئىقتىدارىغا سەل قاراشقا ھەرگىز بولمايدۇ. جۇڭگولۇق كۆپىيىش ئىلىمى ئالىمى پروفېسسور ماشياۋنەن مۇنداق دەيدۇ:‹‹ئوغۇل چوڭ بولسا ئۆيلىنىدىغان،قىز چوڭ بولسا ياتلىق بولىدىغان ئىش ›› نىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكى ھەممىمىزگە ئايان .بىراق 35ياشتىن ئاشقاندا توي قىلغان ئەرلەرنىڭ تۇنجى تويى بولغان تەغدىردىمۇ ،ئۇلارنىڭ كۆپىيىش ئىقتىدارىدا توسالغۇ پەيدا بولۇش نورمال ئەھۋال. ئەمەلىيەتتە بۇ يەردىكى ھەقىقەت ئىنتايىن ئاددىي.ياش يىگىتنىڭ ۋېلسىپىت مىنىشنى ئۆگەنمىكى تەس ئەمەس،يىقىلىش ياكى سوقۇلۇشتىن قورقمىسىلا بولدى. بىراق 40ياشتىن ئاشقان،پۇت –قولى قېتىپ كەتكەنلەرنىڭ ۋېلىسىپىت مىنىشنى ئۆگەنمىكى ئۇنداق ئاسان ئەمەس.