پىسخىكا مەسلىھىتى | تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى | ساغلاملىق بىلىملىرى | ئۇيغۇر تىبابىتى | باش بەت
  جىنسىيەت ھەققىدە | تۇرمۇش ۋە ساغلاملـــىق | ئانا-بالىلار ھەققىدە | ياشانـــغـانـــلار | ئەيـــدىز
باس -باس ئۇچۇرلار  
  • ئەر تەرەپ جىنسىي ئەزاسى نورمال قاتمىغاندا ، ئايال تەرە ...
  • ئەڭ ياخشىسى تويدىن بۇرۇن سىناپ بېقىڭ
  • ئاياللار قانداق ئەھۋاللاردا جىنسىي مۇناسىۋەتتىن پەرز ...
  • بۆرەكنى كۈچەيتىشنىڭ ئۈچ خىل ئاددىي ئۇسۇلى
  • يىگەنسىرى ئورۇقلايدىغان يىمەكلىكلەر
  • قىزلار توي قىلغاندىن كىيىن ئەرلىرىدىن رازى بولامدۇ؟
  • سەككىز خىل چۈش كېسەللىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن
  • سزنى سۆيىدىغان ئەر مۇنداق بولىدىكەن
  • چىرايلىق بولۇشتىكى ئاددىي رېتسىپلىرى
  • ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش قاپچۇقىنى ئىشلەتكەندە زىيادە ...
  • ئەرلەر زەنجىۋىلدىن ئاياللار شىكەردىن ئايرىلماڭلار
  • دائىم ئېرىڭىزگە ئەركىلەپ تۇرۇڭ
  • كۆزنى چىرايلىقلاشتۇرىدىغان يېمەكلىكلەر قايسىلار؟
  • تېز ئۇخلاشنىڭ ئۇسۇلى
  • چاچ ۋە خاراكتېر
  • قېتىق ۋە سالامەتلىك
  • ئەرلەرنىڭ قەدىرلىشىگە ئەرزىيدىغان ئاياللار
  • قورۇقنى يوقۇتۇشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى
  • ئاياللارنىڭ ئەڭ چوڭ بايلىقى نېمە ؟
  • داغ ۋە سەپكۈنلەرنى يەرلىك ئۇسۇلدا داۋالاش
  • تويدىن كىيىن دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار
  • كىشىلىك ھاياتتا كۈتۈپ تۇرۇشقا بولمايدىغان ئۈچ پۇرسەت
  • ئورۇقلاشنىڭ 20 خىل ئۇسۇلى
  • ئېغىز پۇراش ۋە ئۇنىڭ سەۋەبلىرى
  • تۇرمۇشتىكى «قېرىش» نى تېزلىتىدىغان ئامىللار
  • ئاياللار بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك بىر قانچە نۇقتا
  • سىز تۇرمۇشىڭىزدىكى بۇ ساۋاتلارنى بىلەمسىز؟
  • ئۆزىڭىزنى تۇتىۋىلىشنى ئۈگۈنۈڭ
  • ئەرلەرنىڭ كىينىشىدىكى 18 قائىدە
  • ئەرلەر 27ياشتا ،ئاياللار 25ياشتا توي قىلسا ئەڭ مۇۋاپىق
  •  
    سەككىز خىل چۈش كېسەللىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن
    يوللىغان ۋاقىت:2008-12-18 ئاۋاتلىقى:38093
    كىچىك | نورمال | چوڭ             
    ياۋروپا ۋە ئامېرىكىدىكى دوختۇرلار كۆپ يىل تەتقىق قىلىش ئارقىلىق سەككىز خىل چۈشنىڭ كېسەللىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكنى بايقىغان:
    بىرىنچى، چۈشىڭىزدە بىرەر ئادەم ياكى باشقا غەلىتە مەخلۇقنىڭ بېشىڭىزغا ئۇرغاندەك ئالامەتلەرنى كۆرسىڭىز، سىزنىڭ مېڭە ئۆسمىسى ۋە نېرۋا سىستېمىڭىزدا كېسەللىك پەيدا بولغان بولۇشى مۈمكىن ئىكەن.
    ئىككىنچى، ئەگەر سىز چۈشىڭىزدە غەلىتە ئاۋازلارنى ئاڭلىغان بولسىڭىز، بەلكىم ئاڭلاش سېزىم مەركىزىدە بەزى كسەللىك ئۆزگىرىشى بولغان ياكى شۇنىڭغا يېقىن قان تومۇرلاردا قېتىشىش ئەھۋالى پەيدا بولغان بولۇشى مۈمكىن.
    ئۈچىنچى، چۈشىڭىزدە كانىيىڭىز بوغۇلغاندەك، نەپسىڭىز راۋان بولمىغاندەك، تۇنجۇقۇپ قالغاندەك بولسىڭىز، بەلكىم سىزنىڭ نەپەسلىنىش سىستېمىڭىزدا كېسەللىك پەيدا بولغان بولۇشى مۈمكىن.
    تۆتىنچى، ئەگەر چۈشىڭىزدە مەلۇم بىر نەرسە قوغلاۋاتقاندەك، ۋەھىمە باسقاندەك، قاچاي دېسىڭىز يۈگۈرەلمەيۋاتقاندەك، چۆچۈپ ئويغانغاندا يۈرىكىڭىز ئورنىغا چۈشمىگەندەك بولۇپ، تەرلەپ، يۈرەك سوقۇشىڭىز تېخىمۇ تېزلىشىپ كەتكەن بولسا، بەلكىم سىزدە يۈرەك تاجىسىمان ئارتېرىيىنىڭ قان يەتكۈزۈپ بېرەلمەسلىك كېسەللىكى پەيدا بولغان بولۇشى مۈمكىن.
    بەشىنچى، چۈشىڭىزدە يول ماڭغاندا تەڭپۇڭلىقىڭىزنى ساقلىيالمىغاندەك، بەدىنىڭىز تولغىنىپ كېتىۋاتقاندەك، پۇت- قوللىرىڭىز ئېغىرلىشىپ، ماڭالماي يىقىلىپ كېتىۋاتقاندەك بولسىڭىز، شۇنداقلا چۆچۈپ ئويغىنىپ كەتسىڭىز، بۇ بەلكىم سانجىقنىڭ ئالدىن شەپىسى بولۇشى مۈمكىن.
    ئالتىنچى، چۈشىڭىزدە ئېگىزدىن پەسكە چۈشۈپ كەتكەندەك بولۇپ، يەرگە چۈشمەستىنلا چۈچۈپ ئويغىنىپ كەتسىڭىز، بۇ بەلكى يۈرەك كېسىلىنىڭ ئالدىن بېشارىتى بولۇشى مۈمكىن.
    يەتتىنچى، چۈشىڭىزدە سۇ كۆرۈنۈشى، يەنى كەلكۈن، سازلىق قاتارلىقلارنى كۆرگەن بولسىڭىز، بەلكىم جىگەر، ئۆت، يۈرەك قاتارلىق ئەزالىرىڭىزدا كېسەللىك پەيدا بولغان بولۇشى مۈمكىن.
    سەككىزىنچى، چۈشڭىزدە باشقىلاردىن تاياق يەپ ئويغىنىپ كەتكەندىن كېيىن تاياق يېگەن ئورۇن ئاغرىغاندەك بولسا، شۇ ئورۇندىكى ئەزالاردا كېسەللىك پەيدا بولغاننىڭ بېشارىتى بولۇشى مۈمكىن.
    ئۇنىڭدىن باشقا، بەزى كىشىلەرنىڭ كۆرگەن چۈشى ئۆزىدىكى كېسەللىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. مەسىلەن، نېرۋا ئاجىزلىق كېسىلى بار كىشىلەرنىڭ ھەممىسىدە ئۇيقۇسىزلىق، كۆپ چۈش كۆرۈش ئەھۋالى بولىدۇ؛ دائىم كۆڭۈلسىز چۈشلەرنى كۆپ كۆرىدۇ. يۇقىرى قان بېسىمى بار كىشىلەر چۈشىدە ئېگىزگە يامىشىپ چىقىش، ئۇچۇش، ئاچچىقلىنىش قاتارلىق چۈشلەرنى كۆرىدىكەن. ئۆپكە كېسىلىگە گىرىپتار بولغان كىشىلەر چۈشىدە ماڭغاندا چارچايدىكەن. روھي كېسەلگە گىرىپتار بولغان كىشىلەر قورقۇنۇشلۇق ئەھۋاللارنى چۈشەيدىكەن.
    شۇڭا مۇتەخەسسىسلەر: يۇقىرقىدەك چۈشلەرنى كۆپ كۆرۈدىغانلار ۋاختىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ ئومۇميۈزلۈك بەدەن تەكشۈرتۈشى كېرەك، دەپ تەۋسىيە قىلىدۇ.
    تور بېكەت ھەققىدە | شىركەت ھەققىدە | خېرىدارلىرىمىز | ھەمكارلىشىڭ | ئېلان بىرىڭ | ئالاقىلىشىڭ | پىكىر بىرىڭ
    Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
    新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
    ئالاقىلىشىش تېلېفۇن- ئېلان ئالاقە ۋە ھەمكارلىق: 13999111547        ئىشخانا : 2848484 -0991
    شىركىتىمىز بىلەن قانۇنلۇق ھەمكارلىق مۇناسىۋەت ئورنۇتۇپ ياخشى ئىقتىسادىي قىممەتكە ئېرىشمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.
    互联网电子公告(BBS)服务资质       移动网信息服务业务资质
    !تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ۋە ناخشا مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ