1) تەركىبىدە ۋىتامىن A مول بولغان يېمەكلىكلەر: بۇ خىلدىكى يېمەكلىكلەردىن ئاساسلىقى كالا، قوي ۋە توخۇلارنىڭ جىگىرى، بېلىقلارنىڭ بېغىرى، تۇخۇم سېرىقى، سېرىق ماي ياكى ۋىتامىن A كۈچلەندۈرۈلگەن سۈنئىي سېرىق ماي قاتارلىقلار بار. ۋىتامىن A كۆزنىڭ مۈڭگۈز پەردىسىنىڭ نورماللىقىنى ساقلاش، مۈڭگۈز پەردىسىنى قۇرغاقلاشتۇرماسلىق، رولىدىن قالدۇرماسلىق ھەمدە قاراڭغۇدا كۆرۈش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش رولىنى ئوينايدۇ. ۋىتامىن A كەم بولسا، يېنىكرەك بولغانلارنىڭ مۈڭگۈز پەردىسى قۇرغاقلىشىدۇ، يورۇقتىن قورقىدۇ، ياشاڭغىرايدۇ، ئېغىرراق بولغانلارنىڭ كۆز بىرىكتۈرگۈچى پەردىسى قېلىنلاپ، يۇمشاپ، نامازشام قارىغۇسى ياكى قارىغۇ بولۇپ قالىدۇ.
2) تەركىبىدە كاروتىن مول يېمەكلىكلەر: كاروتىن ۋىتامىن A نىڭ ئاساسى بولغاچقا، بەدەندە ۋىتامىن A غا ئۆزگىرەلەيدۇ. بۇ تۈردىكى يېمەكلىكلەردىن ئاساسلىقى كۆك پۇرچاق، كاۋا، پەمىدۇر، سەۋزە ۋە سېرىق، يېشىل رەڭلىك كۆكتات قاتارلىقلار بار. ياش قۇرامىغا يەتكەنلەر تەركىبىدە ۋىتامىن A مول يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يېيىش كېرەك، بالىلارنىڭ بەدىنىدىكى فېرمېنتلارنىڭ ئاكتىپچانلىقى تۆۋەن بولغاچقا، ئەڭ ياخشىسى مۇۋاپىق مىقداردا بېلىق مېيى ئىستېمال قىلىش كېرەك.
3) تەركىبىدە ۋىتامىن B ۋە نىكوتىن كىسلاتاسى بولغان يېمەكلىكلەر: ئەگەر بەدەندە ۋىتامىن Bۋە نىكوتىن كىسلاتاسى كەم بولسا، كۆز ئالمىسى تەۋرەش، كۆرۈش سېزىمى ئاجىزلاش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. بۇ خىل يېمەكلىكلەر ئاساسلىقى بۇغداي، قوناق، بېلىق، گۆش، خاسىڭ، كۆك پۇرچاق، سېرىق پۇرچاق قاتارلىقلاردۇر، بۇلارنى داۋاملىق يېسە بولىدۇ.
4) تەركىبىدە ۋىتامىن B مول بولغان يېمەكلىكلەر: مايسىز گۆش، تۇخۇم، يېسمۇق، ھايۋان جىگىرى، يېشىل كۆكتات قاتارلىقلار.ۋىتامىن B كۆزنىڭ كۆرۈش تور پەردىسى ۋە مۈڭگۈز پەردىسىنىڭ نورمال ماددا ئالماشتۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ، ئەگەر بۇ كەم بولسا كۆز ياشاڭغىراش، قىزىرىش، قىچىشىش ۋە سىپازمىلىنىش قاتارلىق كۆز كېسەللىكلىرى كۆرۈلىدۇ.شۇڭا بالىلار ۋە ياشلارنىڭ كۆزىنىڭ نورمال ھەم ساغلام بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، قارا ئاشلىق بىلەن ئاق ئاشلىقنى ئارىلاشتۇرۇپ ۋە كۆپ خىللاشتۇرۇپ ئوزۇقلىنىش ئارقىلىق كۆزنى ئاسراش مەقسىتىگە يېتىش كېرەك.