پىسخىكا مەسلىھىتى | تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى | ساغلاملىق بىلىملىرى | ئۇيغۇر تىبابىتى | باش بەت
  جىنسىيەت ھەققىدە | تۇرمۇش ۋە ساغلاملـــىق | ئانا-بالىلار ھەققىدە | ياشانـــغـانـــلار | ئەيـــدىز
باس -باس ئۇچۇرلار  
  • ئەر تەرەپ جىنسىي ئەزاسى نورمال قاتمىغاندا ، ئايال تەرە ...
  • ئەڭ ياخشىسى تويدىن بۇرۇن سىناپ بېقىڭ
  • ئاياللار قانداق ئەھۋاللاردا جىنسىي مۇناسىۋەتتىن پەرز ...
  • بۆرەكنى كۈچەيتىشنىڭ ئۈچ خىل ئاددىي ئۇسۇلى
  • يىگەنسىرى ئورۇقلايدىغان يىمەكلىكلەر
  • قىزلار توي قىلغاندىن كىيىن ئەرلىرىدىن رازى بولامدۇ؟
  • سەككىز خىل چۈش كېسەللىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن
  • سزنى سۆيىدىغان ئەر مۇنداق بولىدىكەن
  • چىرايلىق بولۇشتىكى ئاددىي رېتسىپلىرى
  • ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش قاپچۇقىنى ئىشلەتكەندە زىيادە ...
  • ئەرلەر زەنجىۋىلدىن ئاياللار شىكەردىن ئايرىلماڭلار
  • دائىم ئېرىڭىزگە ئەركىلەپ تۇرۇڭ
  • كۆزنى چىرايلىقلاشتۇرىدىغان يېمەكلىكلەر قايسىلار؟
  • تېز ئۇخلاشنىڭ ئۇسۇلى
  • چاچ ۋە خاراكتېر
  • قېتىق ۋە سالامەتلىك
  • ئەرلەرنىڭ قەدىرلىشىگە ئەرزىيدىغان ئاياللار
  • قورۇقنى يوقۇتۇشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى
  • ئاياللارنىڭ ئەڭ چوڭ بايلىقى نېمە ؟
  • داغ ۋە سەپكۈنلەرنى يەرلىك ئۇسۇلدا داۋالاش
  • تويدىن كىيىن دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار
  • كىشىلىك ھاياتتا كۈتۈپ تۇرۇشقا بولمايدىغان ئۈچ پۇرسەت
  • ئورۇقلاشنىڭ 20 خىل ئۇسۇلى
  • ئېغىز پۇراش ۋە ئۇنىڭ سەۋەبلىرى
  • تۇرمۇشتىكى «قېرىش» نى تېزلىتىدىغان ئامىللار
  • ئاياللار بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك بىر قانچە نۇقتا
  • سىز تۇرمۇشىڭىزدىكى بۇ ساۋاتلارنى بىلەمسىز؟
  • ئۆزىڭىزنى تۇتىۋىلىشنى ئۈگۈنۈڭ
  • ئەرلەرنىڭ كىينىشىدىكى 18 قائىدە
  • ئەرلەر 27ياشتا ،ئاياللار 25ياشتا توي قىلسا ئەڭ مۇۋاپىق
  •  
    ئەڭ ياخشىسى تويدىن بۇرۇن سىناپ بېقىڭ
    يوللىغان ۋاقىت:2009-09-04 ئاۋاتلىقى:58563
    كىچىك | نورمال | چوڭ             

    بۇ بىر پىسخىكىلىق سىناق بولۇپ ئۆزىڭىزگە پال سىلىپ بېقىڭ !
     ئىككىڭلارنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆزئارا ئېلىڭ(كۆڭلىڭىزدىكى ئادىمىڭىز بىلەن ئۆزىڭىزنىڭ)، قايسىڭىزلارنىڭ تۇغۇلغان كۈنى چوڭ بولسا ،چوڭىدىن كىچىكىنى ئىلىۋېتىڭ . مەسىلەن، سىز 24-چېسلا تۇغۇلغان، ئۇ 16-چېسلا تۇغۇلغان بولسا، ئايرىمىسى 8 بولىدۇ.

    نەتىجىسى:تۇغۇلغان كۈنىڭلارنى ئۆز -ئارا ئېلېۋەتكەندىن كىيىن چىققان ساننىڭ نەتىجىسى 0 دىن 30 غىچە بولۇپ ،ھەر بىر ساننىڭ مەنىسى بار ،ئاستىدىكى ھەر بىر ساننىڭ مەنىسىدىن نەتىجىڭىزنى كۆرۈڭ !

    نەتىجىسى 0  : ئەڭ ياخشى ھەمكارلاشقۇچىلار 80 نومۇر
    سىلەر ئوي -خىياللىرىڭلار ئوخشىشىپ كېتىدىغان بىر جۈپ. بىراق بەزىدە زىيادە ئوخشىشىپ كەتكەنلىكىڭلار سەۋەبىدىن ئازراق زېرىكىشمۇ ھېس قىلىپ قالىسىلەر. شۇڭا پات-پات كۈتۈلمىگەن خوشاللىقلارنى، رومانتىكىنى قوشۇپ، ئۇنىڭغا شېرىن شىكەر سۆزلەرنى قىلىپ بېرىڭ.

    نەتىجىسى 1  : بىر كۆرۈپلا ئاشىق بولۇش 85 نومۇر
    سىلەر بىر-بىرىڭلارنى بىر كۆرۈپلا ئايرىلالمايدىغان بولۇپ قالغان، يەنە نېمىگە ساقلاپ تۇرىسىز؟!

    نەتىجىسى  2 : ئۆز ئارا پايدىلىنىش 35 نومۇر
    ئىككىڭلار مۇھەببەتلەشكەن چېغىڭلاردا مۇھەببەتتىن ئېرىشكىنىڭلار ۋە يوقاتقىنىڭلارنى سېلىشتۇرۇپ تۇرىسىلەر، زىيىنى پايدىسىدىن كۆپ بولغان ھامان مۇھەببىتىڭلار چاتاق ئەھۋالغا چۈشۈپ قالىدۇ.

     نەتىجىسى 3  :ئۆز-ئارا گۇمانلىنىش 25 نومۇر
    ئاراڭلاردا بىرسىڭلار ناھايىتى گۇمانخور. قارشى تەرەپتە ئازراق تىۋىش چىقسىلا يامان تەرەپكە تارتىپ ئويلىۋالىدۇ، يەنە بىرى بولسا چۈشەندۈرۈشكە ئېرىنىدۇ. مۇشۇنداق داۋاملىشىۋەرسە ھامىنى ئايرىلىپ كېتىسىلەر.

     نەتىجىسى 4 : گۈزەل ئۇچرىشىش 70 نومۇر
    ئىككىڭلار تاساددىپىي ئۇچرىشىپ قېلىپ، قىزىقىشىڭلار ۋە كۆز قاراشلىرىڭلارنىڭ بىردەكلىكىنى ھېس قىلغان، ئارقىدىنلا قىزغىن مۇھەببەت قاينىمىغا چۈشۈپ كەتكەن.

    نەتىجىسى  5 : خوجايىن ۋە خىزمەتكارلىق مۇناسىۋىتى 60 نومۇر
    ئىككى تەرەپ مۇھەببەتنىڭ ئۆزئارا ئىشەنچ ۋە ئۆز-ئارا تايىنىش ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ يەتكەندىلا ئاندىن مۇھەببىتىڭلاردا بۇرۇلۇش بولالايدۇ.

      نەتىجىسى  6 : تەلەيلىك جۈپلەر 90 نومۇر
    ئىككى تەرەپ ئارىلاشقاندىن تارتىپلا بىر-بىرىڭلارغا ئامەت ئېلىپ كەلگەن. بىر-بىرىڭلارغا كۆيۈنسەڭلەرلا مۇناسىۋىتىڭلار ئۇزۇنغا داۋاملىشالايدۇ.

    نەتىجىسى  7 :  بىر-بىرىگە چىداش 45 نومۇر
    ئىككىڭلارنى بىر-بىرىڭلارنى كۆزۈڭلارغا سىغدۇرالمايسىلەر. ئارىلاپ-ئارىلاپ چاخچاق تەرىقىسىدا قارشى تەرەپكە بولغان نارازىلىقىڭلارنى بىلدۈرسەڭلارمۇ يەنىلا چىداپ بىر-بىرىڭلارغا يول قويۇپ مۇھەببىتىڭلارنى داۋاملاشتۇرىسىلەر.

    نەتىجىسى 8:  ئاۋال تاتلىق كېيىن ئاچچىق 55 نومۇر
    ئوغۇل تەرەپ قىزنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇشقا ماھىر بولۇپ، قىزغا ناھايىتى شېرىن تۇيغۇلارنى بېرەلەيدۇ، ھەممىلا ئىشتا قىزغا ياردەم قىلىدۇ، بىراق ھەددىدىن ئېشىپ كەتسە قىز بالا ئۆزىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ئەھمىيىتى قالمىغاندەك ھېس قىلىپ قالىدۇ.

    نەتىجىسى9 :  يىراق دېسە يىراق ئەمەس، يېقىن دېسە يېقىن ئەمەس 60 نومۇر
    ئىككىڭلارنىڭ مىجەزىڭلار ئوخشىمايدۇ، كۆز قاراشلىرىڭلارمۇ ئوخشاشمايدۇ. بىراق مۇھەببەتلەشكەن ئىكەنسىلەر، بىر-بىرىڭلارغا يول قويۇپ ئۆتسەڭلار كۈنۈڭلار شېرىن ئۆتىدۇ.

    نەتىجىسى 10 : گەپ تالاشقاقلار 25 نومۇر
    ئىككىلىڭلار گەپ تالىشىش ماھىرى بولۇپ ھېساپلىنىسىلەر. پىكرىڭلار ھەمىشە بىر يەردىن چىقمايدۇ. ئۇزۇن مۇددەت بىرگە بولالىشىڭلارنى مۆجىزە دەپ قاراشقا بولىدۇ.

    نەتىجىسى 11 : ئاددى ئەمما ھەقىقىي مۇھەببەت 80 نومۇر
    ئىككىڭلارنىڭ مۇھەببىتى « كىچىك ئېقىن ئۇزۇنغا ئاقار» دېگەن تەمسىلدەك بولۇپ، ياخشى نەتىجە چىقىش ئېھتىماللىقى ناھايىتى يۇقىرى.

    نەتىجىسى  12 : ئازار يېگۈچى 15نومۇر
    بىرىڭلارنىڭ مىجەزى بەك تۇراقسىز بولۇپ، ھە دېسىلا قېيداپ تۇرىۋالىدۇ. شۇڭا يەنەبىرىڭلار سەۋرچان بولۇپ چىدىشىڭلار كېرەك.

    نەتىجىسى 13  :مۇھەببەت بار دېسە باردەك، يوق دېسە يوقتەك 50 نومۇر
    سىلەرنىڭ كۆز قاراشلىرىڭلار ئوخشىمايدۇ، ئەمما بىر-بىرىڭلارغا نىسبەتەن كۈچلۈك جەلىپ قىلىش كۈچىڭلار بار.دەسلەپ مۇھەببەتلەشكەندە يېڭىلىق بىلىنىپ شېرىن ئۆتىسىلەر، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى بەكرەك تىرىشمىساڭلار بولمايدۇ.

    نەتىجىسى 14 : ماس كەلمىگەنلەر 10 نومۇر
    سىلەر ئوت بىلەن سۇدەك چىقىشالمايدىغانلار، قانداق بولۇپ بىر يەرگە كېلىپ قالغانسىلەر~~~

    نەتىجىسى 15 : سىڭىلچاق تىپىدىكى مۇھەببەت 70 نومۇر
    قىزنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى كەم بولۇپ، ھەممىلا ئىشتا ئوغۇلنى چىقىش نۇقتىسى قىلىدۇ، ھەممىلا نەرسىدە ئوغۇلنى ئاساس قىلىدۇ. شۇڭا بەزى چاغلاردا قارشى تەرەپنى زېرىكتۈرۈپ قويىشى مۈمكىن.

    نەتىجىسى 16 : كۈچلۈك ئاجىزلار بىرلەشمىسى 45 نومۇر
    ئوغۇل رەھبەرلىك ئورۇندا تۇرىدۇ، قىزمۇ ئاجىز ئايال رولىنى ئۆتەپ ئوغۇلغا تايىنىشقا رازى.

    نەتىجىسى 17 : ئايرىلىش بىلەن ئاياغلىشىدىغانلار 20 نومۇر
    ئىككىڭلارنىڭ بىر ئازمۇ ئورتاقلىقىڭلار يوق، ئايرىلىش ئېھتىماللىقى بەك چوڭ. بىردىنبىر ئامال بىر-بىرىڭلارغا پۈتۈنلەي ئىشىنىش.

    نەتىجىسى 18 : ھېسيات قاينىمىغا چۆكۈپلا كەتكەنلەر 30 نومۇر
    ئوغۇل ئاينى يۇلتۇز دېسە قىزمۇ ھەئە شۇنداق دەيدىغان دەرىجىگە يەتكەنلەر. ئازراقمۇ ئەقلىيلىك يوق.

    نەتىجىسى 19  : ئالغا ئىلگىرلەيدىغان بىر جۈپلەر 80 نومۇر
    سىلەر بىر-بىرىڭلارنى رىغبەتلەندۈرەلەيسىلەر، تىرىشچان كېلىسىلەر. شۇڭا بەخت سىلەردىن يىراق ئەمەس

    نەتىجىسى 20 : كۆڭلى ئۆزگىرىشتىن ساقلانماق قىيىن 45 نومۇر
    قىزغىن مۇھەببەتلەشكەن چېغىڭلاردا بىر-بىرىڭلار يول قويىسىلەر، ئاراڭلاردا بىرىڭلارنىڭ كۆڭلى ئۆزگىرىپلا قالساناھايىتى خەتەرلىك.

    نەتىجىسى 21 : تېگىشلىك بولمىغان مۇھەببەت 15 نومۇر
    ئىككىڭلارنى بىللە بولىشى خۇددى ئىچىدىن قۇرت يېگەن ئالمىغا ئوخشاشلا، ھامان بىر كۈنى سېسىپ تۈگەيدۇ. ئاراڭلاردا بىرىڭلار ھەممىلا ئىشتا مۇرەسسەلەشسەڭلار بەلكىم ياخشىراق بولىشى مۈمكىن.

    نەتىجىسى 22  :مۇكەممەل قىز دوست 85 نومۇر
    قىز ئوغۇلنى بىر كۆرۈپلا ئۇنىڭ چوڭقۇر بىلىمى ۋە مول تۇرمۇش تەجرىبىسىگە مەپتۇن بولۇپ قالغان بولۇپ، ھەرقانداق ئىشقا قارىماي مۇھەببەتلىشىدۇ.

    نەتىجىسى  23 : بالدۇرراق ئايرىلغان ياخشى 5 نومۇر
    تەغدىرنىڭ قەستەنگە قىلغان چاخچىقى بىلەن بىر يەرگە كېلىپ قالغان ئوخشايسىلەر. سىلەرنىڭ مۇھەببىتىڭلارنىڭ ئاخىرى چىقمىقى بەك تەس، ياخشىسى ۋاقتىدا ئايرىلىڭلار.

    نەتىجىسى 24 : يالغانچى بىر جۈپلەر 65 نومۇر
    گەرچە بىر جۈپلەردىن بولسىمۇ، ھەر ئىككىلىسى راست گەپ قىلمايدۇ، يەنە كېلىپ بىر-بىرىنىڭ يالغانچىلىقلىرىنى ئوبدان بىلىشىدۇ.

    نەتىجىسى 25 : سىرداش دوست 15 نومۇر
    ئىككىيلەننى ئاشىق-مەشۇقلار دېگىلى بولمايدۇ، پەقەت ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىشىدىغان سىرداش دوستلاردىن ئىبارەت. ئىككىيلەننىڭ ئارىلىشىش جەريانى خۇددى قايناقسۇغا ئوخشايدۇ.

    نەتىجىسى 26 : ئۇرۇشقاق ھەم ئىجىللار 55 نومۇر
    ئىككىيلەن بىر يەرگە كەلسىلا سوقۇشىدۇ، ئەمما سوقۇشقانسېرى مۇھەببىتى كۈچىيىپ بارىدۇ، شۇنداقتىمۇ ئۆز-ئارا ھۆرمەتلەشكە دىققەت قىلىپ قويۇشىڭلار كېرەك.

    نەتىجىسى 27 : خۇدا قوشقان بىر جۈپلەر 80 نومۇر
    ئادەمنىڭ مەستلىكىنى كەلتۈرىدىغان بىر جۈپلەر.ھەر ئىككىلىسى قارشى تەرەپنى بەكرەك ئويلايدۇ. بىر-بىرىنى ھۆرمەتلەيدۇ، ھەم بىر-بىرىگە ھەۋەس قىلىدۇ.

    نەتىجىسى28 :  قول تەگگۈزىشىدىغان جۈپلەر 30 نومۇر
    ئىككىيلەن دائىم سوقۇشىدۇ، بەزىدە تىللىشىپلا قالماستىن يەنە تېخى مۇشت-پەشۋامۇ ئېتىشىدۇ.ئىككىيلەننىڭ مۇھەببىتى خۇددى پولات سىم ئۈستىدە مېڭىۋاتقاندەك مۇقىم ئەمەس.

    نەتىجىسى  29 :تولا ئايرىلىپ تولا يارىشىپ يۈرىدىغانلار 60 نومۇر
    مۇھەببەت يولىدا ئوڭۇشسىزلىقلار كۆپ، تولا ئايرىلىپ تولا يارىشىدۇ، بەزىدە ھەتتا ئۈچىنچى شەخسمۇ پەيدا بولىدۇ.

    نەتىجىسى 30 : ئويلىمىغان يەردىن چىققان بىر جۈپلەر 80 نومۇر
    گەرچە ھەممىلا ئادەم سىلەرنىڭ مۇھەببىتىڭلارنىڭ ئاخىرى چىقمايدۇ دەپ قارىسىمۇ، سىلەر يەنىلا ئۆزەڭلەرنىڭ يولىدا مېڭىپ، مۇھەببىتىڭلاردىن خوشال خورام بەھرىمان بولىۋېرىسىلەر.

     

    تور بېكەت ھەققىدە | شىركەت ھەققىدە | خېرىدارلىرىمىز | ھەمكارلىشىڭ | ئېلان بىرىڭ | ئالاقىلىشىڭ | پىكىر بىرىڭ
    Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
    新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
    ئالاقىلىشىش تېلېفۇن- ئېلان ئالاقە ۋە ھەمكارلىق: 13999111547        ئىشخانا : 2848484 -0991
    شىركىتىمىز بىلەن قانۇنلۇق ھەمكارلىق مۇناسىۋەت ئورنۇتۇپ ياخشى ئىقتىسادىي قىممەتكە ئېرىشمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.
    互联网电子公告(BBS)服务资质       移动网信息服务业务资质
    !تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ۋە ناخشا مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ