خۇددى ئۆزىمىزنى ھۆرمەتلىگەندەك باشقىلارنىمۇ ھۆرمەتلەش ،باشقىلارنىڭ ئۆزىمىزگە قانداق مۇئامىلە قىلىشىنى كۈتكەندەك باشقىلارغىمۇ شۇنداق مۇئامىلە قىلىش -ياشاشنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسىمۇمۇشۇ يەردە ئۈچۈن -،بىز جەزمەن ئۆزىمىزنى تۇتىۋىلىشىمىز كىرەك .بۇنىڭ ئۈچۈن ئادەتلىنىشىمىز كىرەك. بىرەر ئىشنى قىلىشتا،ئۇنىڭ قانداقلىقىنى ئويلىشىڭىز كىرەك.قىلىشقا تىگىشلىك بولمىغان ئىشنى قىلماسلىق ئۈچۈن قىلىشقا تىگىشلىك بارلىق ئىشلارنى قىلىشنى بىلىشىڭىز كىرەك.ئۆزىمىز ئارزۇ قىلغان ئىشنى قىلىش ئۈچۈن ،باشقا بارلىق ئىشلارنى قويۇپ قويۇشقا توغرا كىلدۇ. قەبىھ ئىشنى قىلماسلىق ئۈچۈن ،ئۆزىمىزنى تۇتىۋالغاندىن باشقا ،شۇنداق قەبىھ سۆزلەرنىمۇ قىلماسلىقىمىز،ئەڭ مۇھىمى ئۆزىمىزدە قەبىھ غەرەز پەيدا بولۇشتىن ساقلىنىشىمىز كىرەك.سىز يامان سۆز قىلىش ،يامان غەرەزدە بولۇشتىن ئۆزىڭىزنى تۇتىۋىلىشنى ئۈگەنسىڭىزلا،ئۆزىڭىزنى يامان ئىش قىلىشتىن تۇتىۋالالايدىغان كۈچكە ئىگە بولىسىز.
|