
شىنخۇا تورى مېكسىكا شەھىرى 4 – ماي تېلېگراممىسى : 4 – ماي مېكىسىكا شەھىرى بۇ شەھەرنىڭ موشۇ ھەپتىدىن باشلاپ نورمال ئىقتىسادىي پائالىيەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان .
يېقىندا ، فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇش ۋە A تىپلىق H1N1 تارقىلشچان زۇكامنىڭ تارقىلىش خەۋپ – خەتىرىنى پەسەيتىش ئۈچۈن ، مېكسىكا شەھىرى 1– مايدىن باشلاپ بىر قىسىم ئاممىۋى پائالىيەتلەرنى توختىتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى .
4 – ماي ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ، مېكسىكا شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقى Brad loe Marseille ، شەھەرلىك قانۇن چىقىرىش ئورگىنىنىڭ تارقىلىشچان زۇكامنىڭ يۇقۇملىنىش
ئەھۋالىنىڭ سىگنال رېڭىنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجە قىزىل رەڭدىن ئوتتۇرا دەرىجىلىك سېرىق رەڭگە چۈشۈرۈشنى قارار قىلغانلىقىنى ھەمدە 6 – مايدىن باشلاپ ۋاقىتلىق توختىتىپ قويۇلغان ئاممىۋى پائالىيەتلەرنى ئاستا – ئاستا ئەسلىگە كەلتۈرۈدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان .
مېكسىكا شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئاۋىلا مۇنداق دېگەن : مۇزېي قاتارلىق ئاممىۋى سورۇنلار 7 – مايدىن باشلاپ ئاممىغا ئېچىۋېتىلىدۇ ، كېچىلىك كۇلۇب ، تىياتىرخانا قاتارلىق كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىنى سىگنال دەرىجىسى سېرىق رەڭلىك ئوتتۇرا دەرىجىگە چۈشۈرۈلگەندىن كېيىن قايتا ئېچىۋېتىشنى ئويلىشىدىكەن ، كونكرېت ۋاقتى نۆۋەتتە تېخى بېكىتىلمىگەن .
مېكسىكا سەھىيە تارماقلىرى شۇ كۈنى ، 3 – ماي كەچكىچە مېكسىكىدا A تىپلىق H1N1 تارقىلىشچان زۇكام بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ 727 گە يەتكەنلىكىنى ، بۇنىڭ ئىچىدە 26 ئادەمنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ، 701 ئادەمنىڭ داۋالىنىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلغان .