ئەنگلىيە بولغۇسى خانىشلىرىنىڭ قانداق تەربىيىلىنىدىغانلىقىنى بىلەمسىز

0 2011-08-05 15:22:29   تېڭشۈن تورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

     شاھزادە ۋىليام بىلەن خانىش كەيتنىڭ توي مۇراسىمى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، نۇرغۇنلىغان سودىگەرلەر ياخشى تىجارەت پۇرسىتى كەلدى دەپ ئويلاشتى. ئۇلار بۇ ئىككىسىگە ئائىت نۇرغۇن خاتىرىلەش بۇيۇملىرىنى ئىشلەپچىقارغاندىن باشقا «خانىش قائىدە-يۇسۇن تەربىيىلەش كۇرسى» غا ئالاقىدار دەرسلىكلەرنىمۇ تۈزۈپ چىقتى. مەزكۇر تەربىيىلەش كۇرسى نۆۋەتتە 7 ياشتىن 11 ياشقىچە بولغان قىزلارنى قوبۇل قىلىدىغان بولۇپ، ئوقۇش ھەققى 4000 ئامېرىكا دوللىرى ئىكەن.

  بۇ قىزلارغا ئۆتۈلىدىغان دەرس مەزمۇنى ھازىرقى ۋە تارىختىكى خانىش-مەلىكىلەرنىڭ تارىخى، تېلېفوندا سۆزلىشى قائىدىلىرى، باشقىلارنىڭ ماختاشلىرىغا قانداق قىلىپ لايىقىدا جاۋاب قايتۇرۇش، باشقىلار بىلەن بىرگە تاماق يەۋاتقان ۋاقىتتا چىش ئارىلىقىدىكى تاماق قالدۇقلىرىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق ئىنچىكە تەرەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

 ئۇلار يەنە ئايال پادىشاھقا قانداق ئېگىلىپ سالام قىلىشنى، ھەمدە ئۇنىڭ سورىغان سوئاللىرىغا قانداق جاۋاب بېرىشنى ئۆگىنىدىكەن. ئۇلار تاشقى قىياپەت جەھەتتىن ئالاھىدە تەربىيىلىنىدىغان بولۇپ، بېشىدا قويۇلغان كىتابنى چۈشۈرۈۋەتمەي ماڭالىشى شەرت ئىكەن

مۇشۇ ئوماق قىزلار ئىچىدىن بىرەر خانىش چىقىپ قالمايدۇ، دەپ ئېيتقىلى بولمايدۇ...


ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博