3-ئىيۇل ئەنگىلىيەنىڭ بوزەي لاتارىيە بېلىتى تۈنۆگۈن مۇكاپات ئاچتى، بۇ قېتىمقى مۇكاپات سوممىسى ئالدىنىقى قېتىمقىدىن خېلىلا يۇقۇرى بۇلۇپ 160مىلىيون فونىدستېرلىڭ ئىكەن ،ھازىر بۇ قېتىمقى مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىنىڭ بىرەيلەن ياكى كوللىكتىپ ئىكەنلىكىنى ئېنىق ئەمەس ئىكەن .ئەنگىلىيە دۆلەتلىك لاتارىيە بېلىتىنىڭ باياناتچىسى مۇنداق دېدى :ئەگەر مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچى بىرەيلەنلا بۇلۇپ قالسا بۇ ناھايىتى ھەيران قالارلىق خەۋەر بولىدۇ .
مەيلى بىرەيلەن ياكى كوللىكتىپ بولسۇن بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچى ئەنگىلىيەنىڭ بايلار قاتارىغا كىرىپ 418ئورۇندا تۇرىدىكەن،لېكىن ھازىرغىچە بۇ مۇكاپاتنى ھىچكىم ئالغىلى كەلمەپتۇ . بۇرۇنقى قېتىملىق لاتارېيەدە 113مىلىيون فونىدستېرلىڭنى بىر ئادەم ئېلىپ كەتكەنىكەن .