لىۋىيە مەملىكەتلىك ئۆتكۈنچى كومىتېتى خەلقئارا جەمئىيەتتىن قۇرال ياردەم بېرىشنى تەلەپ قىلدى

0 2011-09-16 10:16:19   جۇڭگو خەۋەر تورى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
     

 
        لىۋىيە مەملىكەتلىك ئۆتكۈنچى كومىتېتىنىڭ رەئىسى جېلىل ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ يەنىلا سابىق رەھبەر كازافى ئارمىيەسىنىڭ ئىشغالىيىتىدە تۇرغان زېمىننى قايتۇرۇۋېلىشقا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قۇرال بىلەن تەمىنلىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.
      جېلىل مۇنداق دېدى: كازافى لىۋىيەنىڭ جەنۇبىدا ئۆچ ئالىدىغان ھۇجۇم قوزغاشنى پىلانلىماقتا. نۆۋەتتە، كازافىغا سادىق ئارمىيە كازافىنىڭ تۇغۇلغان يۇرتى، ئوتتۇرا يەر دېڭىزىغا يېقىن سۇرت، پايتەختنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى بەنىۋەلى، ئوتتۇرا شىمالىدىكى جۇفرا، جەنۇبىدىكى قۇملۇق شەھىرى ساھانى يەنىلا تىزگىنلەپ تۇرماقتا. يېقىندا كازافىنىڭ نۇرغۇن ئادىمى ساھاغا قېچىپ كەتتى.
     جېلىل مۇنداق دېدى: يېقىنقى بىر نەچچە كۈندە، ساھادا شىددەتلىك جەڭ بولىدۇ، لېكىن ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنىڭ قۇرال-جابدۇقلىرى يېتەرسىز، شۇڭا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ياردەم بېرىشىنى مۇراجىئەت قىلىمىز.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博