رۇسىيە دۇنيا قورال-ياراغلار سودىسىنى تەھلىل قىلىش مەركىزى تور بېكىتىنىڭ 11-سېنتەبىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ياپونىيە مۇداپىئە ۋازارىتى يېقىندا ياپونىيەدە ياسالغان يېڭى بىر ئەۋلاد رادارغا چۈشمەس سوقۇش ئايروپىلانى ATD-X بەلگىلىك(يەنى: ئىلغار تېخنىكىلارنى تەكشۈرۈپ ئىسپاتلاش ئايروپىلانى) ئەندىزە ئايروپىلاننىڭ 2014-يىلى تۇنجى قېتىم ئۇچۇرۇلىدىغانلىقى ھەم يېقىندا سىناق تەرىقىسىدە ئۇچۇرۇلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان. ياپونىيە مۇداپىئە ۋازارىتى: ATD-X بەلگىلىك ئايروپىلانغا رادارغا چۈشمەس تېخنىكىسى ئىشلىتىلگەن، ھەرىكەتچانلىقى ياخشى سوقۇش ئايروپىلانى ھېسابلىنىدۇ، ئەۋرىشكە ئايروپىلان يېڭى بىر ئەۋلاد سوقۇش ئايروپىلانى ياساش ئۈچۈن تېخنىكىلىق لايىھەلەرنى تەكشۈرۈشكە ئىشلىتىلىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، بۇ ئايروپىلان يەنە رادارغا چۈشمەس سوقۇش ئايروپىلانلىرىغا تاقابىل تۇرۇش ئۇسۇلىنى تەتقىق قىلىشقا ئىشلىتىلىدۇ، دېگەن.
ياپونىيە 2008-يىلى ATD-X بەلگىلىك ئايروپىلاننىڭ مودېلىنى تۇنجى قېتىم كۆرگەزمە قىلغان. شۇ چاغدا نۇرغۇن مۇتەخەسسىس: ياپونىيە يېڭى بىر ئەۋلاد سوقۇش ئايروپىلانى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىشتا زور خېيىمخەتەر ۋە مەبلەغ سېلىنمىسىغا دۇچ كېلىدۇ، ياپونىيەنىڭ ھەقىقىي مەقسىتى ئامېرىكىغا بېسىم قىلىپ، ئۇلارنى ياپونىيەگە «F-22» بەلگىلىك «يىرتقۇچ قۇش» ناملىق سوقۇش ئايروپىلانىنى سېتىپ بېرىشكە قىستاش، دەپ قارىغان.
ياپونىيە ھۆكۈمىتى ATD-X تۈرىنى يولغا قويۇش بىلەن بىللە، يەنە «F-X» ناملىق پىلاننى يولغا قويۇش ئارقىلىق كونا «F-4EJ» بەلگىلىك ئايروپىلاننىڭ ئورنىدا ئىشلىتىلىدىغان يېڭى تىپتىكى ئايروپىلان سېتىۋېلىشنى ئويلاشتى. ھازىر ياپونىيە ئامېرىكىنىڭ «F-35» ۋە «F/A-18E/F» بەلگىلىك ئايروپىلانلىرى، ياۋروپانىڭ «EF-2000» بەلگىلىك «تەيفېڭ بورىنى» ناملىق ئايروپىلانلىرىنى تاللاش تىزىملىكىگە كىرگۈزدى.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ مۆلچەرلىشىچە، ياپونىيە «F-X» پىلانىنى يولغا قويۇش جەريانىدا نۇرغۇن زاپچاسلارنى ئۆزلىرى ئىشلەپ چىقىرىدىكەن. ياپونىيەنىڭ سانائەت كارخانىلىرى «F-X» پىلانىنى يولغا قويۇش جەريانىدا يېڭى تىپتىكى سوقۇش ئايروپىلانلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ئىجازىتىگە ئېرىشىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتىنى كۆپەيتىشنى ھەم زامانىۋى سوقۇش ئايروپىلانلىرى ياساش تېخنىكىسىغا ئىگە بولۇشنى ئۈمىد قىلىدىكەن.
سۈرەتتە: ياپونىيە تەتقىق قىلىپ ياسىغان «ATD-X» بەلگىلىك مەخسۇس رادارغا چۈشمەس ئايروپىلانلارغا تاقابىل تۇرۇش سوقۇش ئايروپىلانى مودىلى