پاكىستان تالىبانلىرىنىڭ بالا " ئادەم بومبا " لىرى 5000 دىن ئاشىدىكەن

126 2009-04-24 14:33:20   ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى   ئەقىدە
T|T:خەت رەزمىرى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئىسلامئاباد، 23 - ئاپرېل تېلېگراممىسى: پاكىستاندىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بۈگۈن ئېلان قىلغان خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: تالىبان ھازىر پاكىستان قەبىلە رايونىدىكى بالىلارغا " ئادەم بومبا " ھوجۇم قىلىش ماھارىتىنى ئۆگىتىۋاتىدۇ، بۇ خىل مەشىقنى قوبۇل قىلغان بالىلار 5000 دىن ئېشىپ كېتىپتۇ.


  خەۋەردە يەنە مۇنداق دېيىلدى: بۇ بالىلار 10 ياشتىن 17 ياشقىچە ئىكەن. ھازىر يەنە نەچچە يۈز بالا تالىباننىڭ " مىڭە يۇيۇش " تەربىيىسىنى قوبۇل قىلىۋاتىدۇ، بۇ خىل تەربىيلەشنىڭ پەردە ئارقىسدىكى ئادەم دەل " پاكىستان تالىبان ھەرىكىتى " نىڭ كاتتىۋېشى مەسئۇد ئىكەن

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博