2013- يىلى 8- ئاينىڭ 3- كۈنى تەييارلىق قىلىنىۋاتقىنىغا يىرىم يىل بولغان «چۆچەككە كىرىش- ئەڭ گۈزىلى بىزنىڭ شىنجاڭ» ماي بوياق ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى چۆچەك (تارباغاتاي) تەنتەربىيە سارىيىدا باشلاندى. كۆرگەزمىگە چۆچەك (تارباغاتاي) نىڭ مۇھىم ۋىلايەت- شەھەر رەھبەرلىرى، «گۈزەل سەنئەت» ژۇرنىلىنىڭ ئىجرائىيە باش مۇھەرىرى شاڭ خۇي ۋە پۈتۈن شىنجاڭدىكى گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرىدىن دەرىجىگە ئىرىشكەن ئاپتورلار ۋەكىللىرى بىلەن قوشۇلۇپ مىڭدىن ئارتۇق ھەرمىللەت ئاممىسى قاتناشتى ، شۇنداقلا كۆرگەزمىگە قويۇلغان ماي بوياق رەسىملەردىن بەھىرلەندى.
ئېچىلىش مۇراسىمىدا ئىلشات مىرزائەكبەر، لىجۈن، ۋاڭ جىڭگېن، ئابلاجان نىياز، لىيۇ چاڭبىن، ۋېي ۋېي قاتارلىقلار ئالتۇن، كۈمۈش، مىس مىدال ۋە مۇنەۋۋەر ئەسەر مۇكاپاتى بىلەن مۇكاپاتلاندى. شىۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ قېتىملىق كۆرگەزمىدىكى ئەسەرلەردىن تۈزۈلگەن «2013 چۆچەككە كىرىش- ئەڭ گۈزىلى بىزنىڭ شىنجاڭ ھازىرقى زامان ماي بوياق ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى ئەسەرلەر توپلىمى» بىرگە تارقىتىلدى.
(قىسقارتىلدى)
مەنبە: شىنجاڭ گۈزەل سەنئەتچىلەر جەمئىيىتى ئورگان تورى
ئەزا كىرىشتاقاش
ئەزا بولۇشتاقاش