ئاتەش گۈزەل سەنئەت تورىغا كىرگىنىڭىزنى قارشى ئالىمىز! نەزىرىڭىز سەرخىل يازمىلاردا بولسۇن!

قاپاق ئىشلەش تېخنىكىسى- قاپاق ئويۇش

2009-07-03 00:48 ئاپتور: مەنبە: ئىجادى كۆرۈلۈشى: 249 قېتىم ئىنكاس يازىمەن خەت رازمىرى: چوڭ نۇرمال كىچىك

كېتەرلىك قورال-سايمانلار: 

1. قاپاق 

تولۇق پىشقان،پوستى قىلىن،سىلىق قاپاقلار تاللىنىدۇ. 

2.قۇم قەغەز

يىرىكلىكى ئوخشاش بولمىغان قۇم قەغەزلەردىن تەييارلىنىدۇ.

3.قاتتىق يۇمشاقلىقى ئوخشاش بولمىغان بىر قانچە تال قىرىنداش

4. ئويمىچىلىق پىچاقلىرى

ئويمىچىلىق پىچاقلىرىغا ئادەتتە ياغاچ ئويما باسما رەسىم ئىشلەشكە ئىشلىتىدىغان پىچاقلار ۋە ياغاچچىلارنىڭ گۈل ئويۇشقا ئىشلىتىدىغان پىچاقلىرىدىن تۈز بىسلىق،ئەگرى بىسلىق،يىرىم نوكەش ..قاتارلىق بىر قانچە خىللىرىدىن تەييارلىنىدۇ.

تەلەپ: پىچاق بىسى ئۆتكۈررەك بولىشى كېرەك.

 5.پارقىرىتىش سىرى

بولسا مەخسۇس بېزەكچىلىككە ئىشلىتىدىغان ئىككى خىلنى تەڭ ئارلاشتۇرىدىغان پارقىرىتىش سىرى بولسا تېخىمۇ ياخشى.

سىزىش قەدەم-باسقۇچى:

1. تەييارلانغان قاپاقنى قۇم قەغەز بىلەن سۈرتۈپ ،قاپاقنىڭ سرتقى پوستىدىكى مودۇر چۇقۇر،قوپاللىقلارنى تەكشىلەپ،سىلقلاش ئېلىپ بېرىش.

ئەگەر قاپاقنىڭ سىرتقى يۈزى سىلىق بولسا بۇ باسقۇچتىن ئاتلاپ ئۆتۈپ كەتسەكمۇ بولىدۇ.

2.قاپاققا سىزىلىدىغان رەسىم ياكى ئۆرنەكلەرنى سىزىش.

قاپاقنىڭ سىرتقى يۈزى ئايلانما بەت بولغاچقا قەغەز،رەختكە ئوخشاش تەكشى بەتلىك نەرسىلەرگە سىزىشقا نىسبەتەن بىر قەدەر مۇرەككەپ . ئادەتتە تەكشى بەتلىك يۈزلەرگە رەسىم ياكى نەقىش ئۆرنەكلىرىنى سىزغاندا بېسىپ كۆپەيتىش،قاراقەغەز (شىپىگىراپ قەغىزى) قويۇش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ چوڭ دائىرلىك شەكىللەرنىڭ ئوخشاش چىقىشىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ ، بىراق قاپاق ئايلانما بەتلىك يۈزگە تەۋە بولغانلىقتىن بۇ خىل ئۇسۇللارنى قوللىنىش ئىمكانىيتى ئاساسەن يوق دىيەرلىك ،بولغان تەقدىردىمۇ شەكىل ئۆزگىرىپ كېتىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلۈپ قېلىشى مۇمكىن ،شۇڭا قاپاقنى مەلۇم بۆلەكلەرگە بۆلىۋىلىپ بىۋاستە سىزىش ئۇسۇلىنى قوللانغىنىمىز مۇۋاپىق.

4. ئويۇش

قاپاق ئويۇشتا دىققەت قىلىشقا تېگەشلىك مەسلە: قاپاق ئويۇشتا بەلگىلىك دەرىجىدە پىچاق ئىشلىتىش ماھارىتى بولۇش،ئويىماقچى بولغان شەكىل،ئۆرنەكلەرنى ئويۇشقا نىسبەتەن كۆڭۈلدە بەلگىلىك نىشان بولۇش، قاپاق ئويۇش جەريانىدا كۈچنى مۇۋاپىق تەقسىملەش،بەك كۈچەش سەۋەبىدىن قاپاقنىڭ ئىنچىكە ھالقىلىرىنى بۇزۇۋىتىش،قاپاقنىڭ تىشىلىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش.

قولنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن بولسا يىپ پەلەي كىيۋالسا بۇنىڭمۇ بەلگىلىك ئۈنۈمى بولىدۇ.

 4. رەتلەپ پۈتتۈرۈش

بۇباسقۇچتا ئاساسلىقى قاپاق ئويۇلۇپ بولدى دېگەن ھالەتكە كەلگەندىن كېيىن قۇم قەغەز ئارقىلىق سىلىقلاش ئېلىپ بىرىشتىن كېيىن پارقىرىتىش سىرى ياكى رەڭ بېرىش جەريانىنى كۆرسىتىدۇ.

سىلىقلاشقا كۆپرەك ۋاقىت ۋە كۈچ سەرپ بولسىمۇ  ئاخىرقى رەتلەش،سىلىقلاش جەريانىغا بەكرەك ئەھمىيەت بېرىش،قۇم قەغەز ئىشلەتكەندە سىلقراق (يەنى يىرىكلىك دەرىجىسى تۆۋەنرەك) قۇم قەغەزلەرنى ئىشلىتىش كېرەك.

 

ھۆرمەتلىك كۆرۈرمەن،يۇقاردا ۋە ئالدىنقى ھەپتىلەردە يېزىلغان قاپاق سىزىش ۋە قاپاق ئويۇش تېخنىكىسىغا مۇناسىۋەتلىك يازمىلار پەقەت شەخسىي تەجىرىبە بولۇپ،بۇ ساھەدىكى مۇكەممەل تېخنىكىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ،پەقەت يېڭىدىن قاپاق ئىشلەشكە كىرىشىۋاتقان ۋە بۇ ساھەگە قىزىقىدىغانلارنىڭ پايدىلنىشى ئۈچۈن يوللاندى،كەڭ كۆرۈرمەنلەرنىڭ خاتالىقلار ۋە كەمچىلىكلەر بولسا ئەپۇ قىلىپ «مېغىزىنى قوبۇل قىلىپ،شاكىلىنى چىقىرۋىتىش»پىرىنسىپى بويىچە قوبۇل قىلىشىنى سورايمەن.

 

بلوگىمىزدىكى مەزمۇنلاردىن بەلگىلىك دەرىجىدە مەمنۇنىيەت ھىس قىلغان بولسىڭىز ،بىر نەچچە سىكۇنت ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ ئېلاننى بىر چىكىپ قويۇڭ.

 

ئاتەش:
«ئاتەش» تەخەللۇسىنى قانداق سەۋەپلەر بىلەن قوللۇنۇپ قالغىنىم ئىسىمدە يوق. بەلكىم ئۆز كەسپىمگە بولغان ئوتتەك بىر قىزىقىش تۈرتكە بولغان بولىشى مۇمكىن. بىراق بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان «ئاتەش» ھەرگىز ۋە ھەرگىز ئوت- يالقۇنلارنى ئۇلۇغلاش، ئوت- يالقۇنلارغا سىغىنىش مەنىسىنى بىلدۈرمەيدۇ.

ئىنكاس يوللاش

*

* (مەخپى)

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif

Ctrl+Enter تىز ئىنكاس قايتۇرۇش

ئەزا كىرىشتاقاش

ئەستە ساقلا پارولنى ئۇنتۇپتىمەن

ئەزا بولۇشتاقاش

小提示: 您的密码会通过填写的"电子邮箱"发送给您.