بۇ مېنىڭ ئۆتكەن ئايدا مۇئەللىم بىلوگىغا ئىشلىگەن ماركا لايىھەم ئىدى، ھازىر مۇئەللىم بىلوگى رەسمىي ئىشلىتىۋاتىدۇ.
مۇئەللىم بىلوگىنى بۇ يەردىن زىيارەت قىلىڭ.
ئىشلەتكەن دېتاللار: Adobe Photoshop CS6 / CorelDRAW X4
خەتتات: راخمانجان توختى
ئاتەش:
«ئاتەش» تەخەللۇسىنى قانداق سەۋەپلەر بىلەن قوللۇنۇپ قالغىنىم ئىسىمدە يوق. بەلكىم ئۆز كەسپىمگە بولغان ئوتتەك بىر قىزىقىش تۈرتكە بولغان بولىشى مۇمكىن. بىراق بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان «ئاتەش» ھەرگىز ۋە ھەرگىز ئوت- يالقۇنلارنى ئۇلۇغلاش، ئوت- يالقۇنلارغا سىغىنىش مەنىسىنى بىلدۈرمەيدۇ.
2013-11-05 08:46:28 گىلەم
3د ئەسىرىڭىزگە قايىل بولدۇم . بەك چىرايلىق ئىشلەيىدكەنسىز
2013-05-18 07:35:17 كىگىز
ئاتەش ئەپەندىم، ياخشىمۇسىز، شاھ بلوگنىڭ ئۈستىدىكى رەسىمنى يېڭىچە ھالدا ئىشلەپ بېرەلەرسىزمۇ؟ ئۆزۈمچە بىر يېڭىلاپ باقاي دېگەن 3د ھالەتتە
2013-05-22 06:50:22
نەچچە كۈن سەل ئالدىراش بولۇپ قىلىپ، بىوگقا يېزىلغان ئىنكاسلارغىمۇ قارىيالماي، ئىنكاسىڭىز تەستىقسىز قاپتۇ، ئۆزۈرلۈكمەن. ئالدى بىلەن بۇ ئىشتا سەمىمىي كەچۈرۈم سورايمەن.
«شاھ ئۇيغۇر بىلوگى» ئۈستىدىكى رەسىمنى يېڭىچە ئىشلەش بىلەن بىرگە تەرجىمە فىلىملەرگە قىستۇرىدىغان فىلىم بېشى ئىشلەپ بېرىش ئارزۇيۇم خلىدىن بۇرن بولسىمۇ، ئايىغى چىقماس جىددىيچىلىكلەر تۈپەيلى بۇ ئارزۇيۇم ۋە ۋەدەمنى ئەمەلگە ئاشۇرالمايۋاتىمەن.
خۇدايىم بۇيرۇسا پات يېقىندا ئۇشبۇ ئارزۇ ۋە ۋەدىمىزنى روياپقا چىقىرىپ، «ئاتەش گۈزەل سەنئەت تورى» نى wordpress سۇپىسىغا باشلاپ كىرگەن ۋە بۇ جەھەتتە يىتەكچىلىك قىلغان «شاھ ئۇيغۇر بىلوگى» غا مىننەتدارلىقىمىزنى بىلدۈرۈش ئىرادىمىز بار.
2013-05-23 09:27:32
ئاتەش بۇرادەر، سىز بۇنداق دېسىڭىز مېنى خىجىل قىلىپ قويىسىز جۇمۇ، ھەممىمىز شۇ ئالدىراشلىقتا تۈزۈك ئەسرالىشىپمۇ باقماپتۇق، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىزمۇ سىزگە سىز دېگەنچىلىك ياردەمدە بولۇپ كېتەلمىدۇق، ۋاقىت بولسا يەنە ئايرىم ئالاقىلىشارمىز
2013-04-23 17:33:17 3#
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئاتەش ،لاھىيىڭىز چىرايلىق چىقىپتۇ،گەرچە مەنمۇ بلوگچىلىق سېپىگە قوشۇلغىلى بىر يىلدىن ئاشقان بولسىمۇ كومپىيوتېرغا نىسبەتەن قىزىقىشىمنىڭ سۇسلىقىدىنمىكىن لايىھىلەش ئىشلىرىغا تازا كىرىشىپ كېتەلمىدىم.
2013-03-24 02:55:32 4#
ئاتەش ئەپەندىمنىڭ مۇئەللىم بلوگىنى قوللىغىنىغا كۆپتىن-كۆپ رەھمەت ، مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئاتەش بىلوگنىڭ يەنىمۇ روناق تېپىشىنى ، ئۇيغۇر بىلوگلىرى ساھەسىدىكى بىر بوشلۇقنى تولدۇرغانلىقى بىلەن قانائەتلىنىپ قالماي ، كەڭ گۈزەل-سەنئەت ھەۋەسكارلىرىنى ئاتەش بىلوگى ئەتراپىغا ئۇيۇشتۇرۇپ ، يىتەكلەش ، تەجىرىبە ئالماشتۇرۇش ، تېخنىكا يىڭىلىقلىرىنى كىڭەيتىش ، ئۆز ئىقتىدارلىرىنى نامايەن قىلىش جەھەتتە بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىنى ، ئاتەش يۇرەكلەرنىڭ قەلىب سەيناسى بولغان بولغان بۇ سورۇننىڭ يەنىمۇ ئاۋات بولۇشى ، ئۇزاققىچە قەد كۆتۈرۈپ تۇرۇشىنى تولىمۇ ئارزۇ قىلىمەن .
ھەمكارلىقىمىز كۆڭۈللۈك بولسۇن ، مۇشۇنداق ياخشى دوستلارغا سەپەرداش بولغىنىمدىن تولىمۇ خۇرسەنمەن ……
2013-03-24 05:44:47
بىزمۇ ھەم مۇئەللىم بىلوگىنىڭ «ئاتەش گۈزەل سەنئەت تورى» غا تېخنىكا جەھەتتىن قىلغان ياردەملىرى ۋە يىتەكچىلىكىدىن تولىمۇ خۇرسەنمىز.
«مۇئەللىم بىلوگى» نىڭ ياخشى تىلەكلىرىگە كۆپتىن- كۆپ رەھمەت.