ئىلاۋە:
ھۆرمەتلىك كۆرۈرمەن، بۇ قېتىملىق يازمىمىزدا تونۇشتۇرماقچى بولغان ئۇستازىمىز قەشقەر پىداگوگىكا مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى مۇختەر مۇھەممەدنىياز، مۇختەرئاكام گەرچە گۈزەل سەنئەت كەسپىدە ئوقۇمىغان بولسىمۇ ، ئۆزىنىڭ گۈزەل سەنئەتكە بولغان قىزىقىشى ۋە تىرىشچانلىقلىرى بىلەن بەلگىلىك تەسىر ۋە نەتىجە ياراتقان كىشىلىرىمىزنىڭ بىرى.
ئۇنىڭ تىنىمسىز تىرىشىش روھى ۋە كىچىك پېئىل خارەكتىرى ھەقىقەتەن بىزنىڭ ئۈگۈنىشىمىزگە ئەرزىيدۇ.
مۇختەر مۇھەممەدنىياز ، 1967-يىلى تۇغۇلغان، 1984-يىلدىن 1986-يىلغىچە قەشقەر دارىلمۇئەللىمىننىڭ ئومۇمىي پەن سىنىپىدا ئوقۇغان ۋە ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن شۇ مەكتەپكە ئېلىپ قىلىنغان.ھازىرغىچە مۇشۇ مەكتەپتە گۈزەل سەنئەت كەسپى بىلەن شۇغۇللانماقتا.
ئۇنىڭ ھۆسنىخەت ئەسەرلىرى 1986-يىلدىن باشلاپ ،تۈرلۈك گېزىت-ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنغان ھەمدە ئاپتۇنۇم رايۇن ۋە ۋىلايەت دەرىجىلىك ھۆسنىخەت مۇسابىقىلىرىدە 1-2- دەرىجىلەرگە ئىرىشكەن. ئۇ 1998-يىلدىن باشلاپ قاپاق ھۈنەر-سەنئىتى ئىجادىيتى بىلەن شۇغۇللۇنۇپ، ھۆسنىخەت ئىجادىيتىنى قاپاق ھۈنەر-سەنئىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، قاپاق سەنئىتى ئەسەرلىرىنى بازارغا يۈزلەندۈرگەن.
ئۇنىڭ دەسلەپكى ئەسەرلىرى ئىچىكىرى ئۆلكىلەردىكى ساياھەتچىلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئىرىشكەن.
ئۇ يەنە ئۇيغۇر ھۈنەر-سەنئەت تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللۇنۇپ، بىرقىسىم ئىلمىي ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان، ئۇيغۇر مەدەنىيەت مىراسلىرى مەجمۇئەسى «كېگىز، شىرداق، پالاس ئۆرنەكلىرى» ،«باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئېلىپبە تاپشۇرۇقى» قاتارلىق كىتابلارنى تۈزۈشكە قاتناشقان.
ئۇ ھازىر قەشقەر ۋىلايەتلىك خەتتاتلار جەمئىيتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى.
ئەزا كىرىشتاقاش
ئەزا بولۇشتاقاش