ئاتەش گۈزەل سەنئەت تورىغا كىرگىنىڭىزنى قارشى ئالىمىز! نەزىرىڭىز سەرخىل يازمىلاردا بولسۇن!

V-ray1.5 دىن دەسلەپكى ئاساس

2011-02-07 22:18 ئاپتور: مەنبە: ئىجادى كۆرۈلۈشى: 2,072 قېتىم ئىنكاس يازىمەن خەت رازمىرى: چوڭ نۇرمال كىچىك

 1- دەرس: V-ray1.5 بىلەن دەسلەپكى تونۇشۇش

1- Vray نى قىسقىچە تونۇشتۇرۇش:

Vray Adv1.5 ــ 3DS MAX نىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھاسىللاش قىستۇرمىسى بولۇپ، قايسى نەشىرى بولىشىدىن قەتئىينەزەر 3DS MAX6.0 نەشىرىدىن كېيىنكى نەشىرلىرىنى قوللايدۇ.

Vrayــ 3DS MAX نى قىستۇرما بىلەن تەمىنلەيدىغان داڭلىق شىركەت Chaos group نىڭ بىر تۈرلۈك كىچىك ،ئەمما ئىقتىدارى كۈچلۈك ھاسىللاش قىستۇرمىسى.

Chaos group نىڭ يەنە تەتقىق قىلىپ ئىشلىگەن sim cloth (ھەقىقىي تۇيغۇدىكى رەخت ھاسىللاش قىستۇرمىىسى)، Phenix (ئوت-يالقۇنى ھاسىللاش قىستۇرمىسى) ۋە shag ful (يۇڭ-تۈك ھاسىللاش) قاتارلىق قىستۇرمىلىرى بار.

Vrayــ نۆۋەتتىكى مۇنەۋۋەر ھاسىللاش قىستۇرمىلىرىنىڭ بىرى،بولۇپمۇ ئۆي ئىچى-سىرتى ئۈنۈم خەرىتىسى ئىشلەشتە Vray سۈرئىتى تېز، ھاسىللاش ئۈنۈمى ئىنتايىن ياخشى ھاسىللاش يۇمشاق دېتالى بولالايدۇ.

Vray نىڭ ھاسىللاش ئۇسۇلى ــ * فوتون ئارقىلىق ھىسابلاش ئېلىپ بارىدۇ . بۇنىڭغا ئەگىشىپ، كۆپلىگەن ئۈنۈم خەرىتىسى ئىشلەش ئەمىلىيتىدە Vray نىڭ مۇكەممەللىكى ئىسپاتلاندى.

Vray نىڭ ئالاھىدىلىكى:

1)     چىنلىق(ھەقىقىيلىك) ــ Vray دىن پايدىلىنىپ، ئەسەر ئىشلىگەندە فوتو-سۈرەت دەرىجىسىدىكى ئۈنۈمگە يەتكىلى بولىدىغان بولۇپ، ھەتتا كىشلەرگە يالغاننى راست كۆرسىتىشتەك ئۈنۈمگە تەتكىلى بولىدۇ. كۆلەڭگىسى ئىنتايىن تەبئىي، ماتېرىياللارنىڭ ئىپادىلىنىشى ئىنتايىن جايىدا.

2)     ئومۇميۈزلىكى ــ  Vray دا ئۆي ئىچى-سىرتى ئۈنۈم خەرىتىسى ، قۇرۇلۇش مەنزىرىسى ئۈنۈم خەرىتىسى ،تېلىۋىزىيە ئېلانچىلىقى، سانائەت مودىلى قاتارلىقلارنى پۈتۈنلەي ئىشلىگىلى بولىدۇ.

3)     جانلىقلىق ۋە يۇقىرى ئۈنۈملىكلىكى ــ ئەمىلي ئىھتىياجغا قاراپ پارامېتىرلارنى تەڭشەپ ،خالىغان ئۈنۈمگە ئىرىشكىلى بولىدۇ ، پارامېتىرلارنى تۆۋەن تەڭشەپ،تېز سۈرئەتتە ھاسىللاش ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ،ئەگەر ئەسەرنىڭ سۈپەت تەلىپى يۇقىرى بولۇشنى تەلەپ قىلغاندا ھاسىللاش پارامېتىرلىرىنى يۇقىرى تەڭشەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك ئەسەرلەرنى ھاسىلللاپ چىققىلى بولىدۇ.

Vray نىڭ نەشىرى :

Vray نىڭ نەشىر تەرەققىياتىغا قارايدىغان بولساق ،ئاساسلىق 3باسقۇچنى بېسىپ ئۆتكەن بولۇپ، دەسلەپكى باسقۇچ: ئاساسلىقى 1.09 نەشىر باسقۇچى ، ئىككىنچى قېتىملىق باسقۇچ: 1.47 نەشىر باسقۇچى (ئاساسلىقى 1.45 نەشىرىدىن 1.49 نەشىرىگىچە بولغان باسقۇچنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)

ئۈچىنچى قېتىملىق باسقۇچ: 1.5 نەشىرى ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى نەشىر باسقۇچىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. (1.5 نەشىرىدىن كېيىن «چىراغ نۇرى بۇففىرى» ئەندىزىسى، Vrayكامىراسى، Vray ئوبىيكىتلىرى، ماتېرىيال سۈپىتى تۈرلىرى، چاپلىما رەسىم تۈرلىرى، چىراغ نۇرى تۈرلىرى، ئالاھىدە ئۈنۈم تۈرلىرى قاتارلىق 7خىل ئىقتىدار يېڭىدىن قوشۇلدى)

فوتون ــ نۇرنى تەشكىل قىلغۇچى ئاساسىي زەرىچە ، ئۇ بەلگىلىك ئېنىرگىيەگە ئىگە بولۇپ، يورۇقلۇق ئېنىرگىيەسىنىڭ ئەڭ كىچىك بىرلىكى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئېنىرگىيەسى نۇرنىڭ دولقۇن ئۇزۇنلىقىغا قاراپ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، دولقۇن ئۇزۇنلىقى قانچە قىسقا بولسا فوتوننىڭ ئېنىرگىيەسى شۇنچە چوڭ بولىدۇ.

V-ray1.5 نى بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ. (خەنزۇچىلاشتۇرۇلغان نەشىرى)

 

 
 
 
 

ئەسكەرتىش:  بۇ دەرسلىك V-ray1.5نى دەسلەپكى ئۈگەنگۈچىلەرگە ماس كېلىدىغان بولۇپ، بۇ دېتال توغرىسىدا ئۇيغۇرچە دەرسلىك بولماسلقىنى كۆزدە تۇتۇپ ،ھەقسىز ئىشلەندى.  سەۋىيەم چەكلىك بولغانلىقتىن دەرسلىكتە بىرقىسىم خاتالىقلار بولىشى مۇمكىن، تورداشلارنىڭ ۋە كەسىپداشلارنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى سورايمەن.

 

دەرسلىكنىڭ سۈزۈك نۇسخىسىنى بۇ يەردىن چۈشۈرۋىلىڭ.(تۆۋەندىكى ئادېرىسنى چاقماققا چاپلاپ چۈشۈرۈڭ)

 

http://119.147.99.14/down_group104/M00/04/E3/d5NjDk4pEQwAAAAAFjH2pRjI9pM3805034/Vray_1.5_derislikliri.rar?k=wOf2fqdirEYXMAVPB3ReWw&t=1311329243&u=120.68.156.175@1027632@bh0q0vem&file=Vray_1.5_derislikliri.rar

 

115 تور دېسكىسىغا ئەزا بولسىڭىز بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ.

 

http://u.115.com/file/bh0q0vem

ئاتەش:
«ئاتەش» تەخەللۇسىنى قانداق سەۋەپلەر بىلەن قوللۇنۇپ قالغىنىم ئىسىمدە يوق. بەلكىم ئۆز كەسپىمگە بولغان ئوتتەك بىر قىزىقىش تۈرتكە بولغان بولىشى مۇمكىن. بىراق بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان «ئاتەش» ھەرگىز ۋە ھەرگىز ئوت- يالقۇنلارنى ئۇلۇغلاش، ئوت- يالقۇنلارغا سىغىنىش مەنىسىنى بىلدۈرمەيدۇ.

ئىنكاس يوللاش

*

* (مەخپى)

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif

Ctrl+Enter تىز ئىنكاس قايتۇرۇش

ئەزا كىرىشتاقاش

ئەستە ساقلا پارولنى ئۇنتۇپتىمەن

ئەزا بولۇشتاقاش

小提示: 您的密码会通过填写的"电子邮箱"发送给您.