«يەكەن ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى باشقۇرىشىدا، يەكەن ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، يەكەن ناھىيەلىك ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، يەكەن ناھىيەلىك ئاخبارات- نەشرىيات ئىدارىسى، يەكەن ناھىيەلىك مەدەنىيەت يۇرتى، «يەكەن ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى تەھرىراتى نەشر قىلىدىغان پەسىللىك ئۇنىۋېرسال ژۇرنال بولۇپ، ئىچىكى قىسىمدا ھەقسىز تارقىتىلىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات-نەشرىيات ئىدارىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك يوليورۇقىغا ئاساسەن «يەكەن ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىنىڭ نامى 2013-يىلى 4-ساندىن باشلاپ «يەكەن مەدەنىيىتى» ژۇرنىلغا ئۆزگەرتىلدى.
ژۇرنالغا ئەدەبىي ئەسەرلەردىن باشقا يەنە گۈزەل سەنئەت، فوتو- سۈرەت، خەتتاتلىق سەھىپىلىرىگىمۇ مۇۋاپىق رەڭلىك بەت تەسىس قىلىنغان بولۇپ، كەڭ گۈزەل سەنئەت ھەۋەسكارلىرىنىڭ تۈرلۈك ژانېردىكى گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرىنى قوبۇل قىلىدۇ.
ئېلخەت ئادېرىسى:
abduletep@126.com nurduna@163.com
2014-02-20 06:14:27 گىلەم
سىزگە قايىلمەن ئاكا، قالتىس لايىھىلەپسىز…قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن
2014-02-20 07:10:24
رەھمەت، بەك ئۇنچىلىكمۇ ئەمەس ئەمدى.