تەنھا كېچە

2011-09-24 20:45 ئاپتور: مەنبە: ئىجادى كۆرۈلۈشى: 2,131 قېتىم ئىنكاس يازىمەن(15پارچە) خەت رازمىرى: چوڭ نۇرمال كىچىك

   تەنھا كېچىنىڭ پىچىرلاشلىرىدا يۈرەكلەر ئۇھسىنىدۇ، سامان يولىدىكى تەنھا سەيياھ دىل كۇيلىرىنى يۇلتۇزلارغا پىچىرلاپ سۆزلەپ بىرىدۇ، شۇ چاغدا گۈزەل بىر مىلودىيە، تەنھالىقتىن تۇغۇلغان تەنھا كېچىنىڭ ئۈزۈلمەس سىمفونىيسى ياڭرايدۇ…قېنى تەنھا كېچىدىكى مۇڭلۇق ناخشىلار، لىرىك كۇيلەر يۈرەكلىرىڭىزگە نۇر بولۇپ ئاقسۇن!!!

 

 

 

 

ياش شائىر ئىسراپىل ئىسمائىل قەلىمى ئاستىدىكى «تەنھا كېچە» ناملىق ئېلىكتىرونلۇق كىتاب تارقىتىلدى، كەڭ تورداشلارنىڭ قىممەتلىك تەكلىپ پىكىرلەرنى ئايىماسلىقىنى ئۈمۈد قىلىمىز، بۇ كىتابنىڭ بارلىق ھوقۇقى ئاتەش گۈزەل سەنئەت تورىغا مەنسۇپ، ھەرقانداق شەخىس ۋە توربىكەتلەرنىڭ ئۆزگەرتىپ ئۆزنامىدا پايدىلىنىشغا يول قويۇلمايدۇ!!!!

چۈشۈرۈش ئادىرسى : چۈشۈرۈش

تورداشلار ئىنكاسلىرىھازىر15پارچە ئىنكاس چۅشۅپ بولدى, مەنمۇ يوللايمەن

  1. ئاتەش
    2011-09-25 04:22:33 گىلەم

    ياش شائىر ئىسراپىل ئىسمائىل قەلىمى ئاستىدىكى «تەنھا كېچە» ناملىق ئېلىكتىرونلۇق كىتاب تارقىتىلغانلىقىنى چىن كۆڭلۈمدىن قۇتلۇقلايمەن، ئىسراپىل ئىسمائىلنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىجادىيەت ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمەن.
    ئىلچىن ئەپەندىنىڭمۇ كۆپ ئەجىر سىڭدۈرگەنلىكىگە تەشەككۇر، ئەدەبىيات بىلەن گۈزەل سەنئەتنىڭ ئۆز ئارا بىرىكىشى مېنى قاتتىق ھاياجانلاندۇردى.
    شائىر ۋە لايىھەلىگۈچىگە كۆپلەپ تەشەككۇرلەر بولسۇن.

    [Reply]

  2. ئاتەش
    2011-09-25 04:31:20 كىگىز

    كېيىنكى قېتىملىق نەشىرىدە ئۆزىڭىزنىڭ خەتتاتلىق ماھارىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئىشلىسىڭىز ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىشى مۇمكىن. دېمەكچى بولغۇنۇم كىتابتىكى بارلىق شېئىرلار ھۆسنىخەت شەكلىدە يېزىلسا ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆز دېگەندەك ئىش بولاتتى.

    [Reply]

  3. شھۋكۇن
    2011-09-25 11:36:34 3#

    ھەقىقەتەن ياخشى چىقىپتۇ . مەنمۇ شۇنداق ئويدا ھۆسىنخەت يېزىلىپ كەتكەن بولسا تېخىمۇ ئاجايىپ چىقاتتىكەن !!!

    [Reply]

  4. ilqin
    2011-09-25 16:33:02 4#

    كەسىپداشلارنىڭ قولىىغىنىغا رەھمەت!!! ئاتەش دىگەندەك مەنمۇ ئەسلى ھۆسىنخەت قىلىپ يازماقچى ئىدىم، لېكىن بۇ دىتالنى ئىشلىتىشىم تۇنجى قېتىم بولغانلىقى ئۈچۈن كۆپرەك ۋاقىت كىتىپ ھۆسىن خەت قىلىپ يېزىپ بولالمىدىم، كېيىنكى قېتىم شۇنداق پىلانىم بار…..

    [Reply]

    كۆڭۈل Reply:

    ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم … ياخشىمۇسىز ئىلچىن بۇرادەر … ئەسىرىڭىز ھەقىقەتەن ياخشى چىقىپتۇ . لاھىيىڭىزمۇ بەك ئۈنۈملۈك بوپتۇ … قايسى دىتالنى ئىشلەتكەنلىكىڭىزنى سورىسام ئەيىپكە بۇيرىماسسىز …
    جاۋابىڭىزنى كۈتىمەن … ئاللاھ ئىشلىرىڭىزنى ئاسان قىلسۇن !

    [Reply]

  5. 、ئىلچىن
    2011-10-10 14:18:27 5#

    ئىشلەتكەن ئاساسلىق دىتاللار: ps، flash،ZineMaker … قاتارلىق دىتاللار…….

    [Reply]

  6. سەھەر
    2011-10-12 15:20:51 6#

    پاھ مۇنداقمۇ يىڭىلىقلار بولىدىكەن ھە؟ باشقىلار قانچىلىك خۇش بولدىكىن بۇنىسى ماڭا نامەلۇم لىكىن مەن ئالتۇن تىپىۋالغاندەكلا خۇش بوپ كەتتىم،ئىلچىن ئەپەندىم مۇبارەك بولسۇن ! ئەسىرىڭىز ناھايىتى ياخشى بوپتۇ، سىزدىن تۆۋەنچىلىك بىلەن سوراپ باقسام،شىئىرلىرىڭىزنى ناخشا قىلىپ قەلبىڭىزدىكى مىلوديلەرنى قاناتلاندۇرسام رۇخسەتمىكىن؟ ئەگەر مۇمكىن بوپ قالسا ئاتەش ئەپەندىگىلا يەتكۇزۇپ قويسىڭىز بوپتىكەن،

    [Reply]

  7. 、ئىلچىن
    2011-10-13 06:34:42 7#

    سەھەر ئەپەندىمنىڭ ماختىغىنىغا كۆپ رەھمەت، شىئىرلارنى ناخشا قىلىپ چىقسىڭىز نىمىشقا بولمىغۇدەك، ئەلۋەتتە بولىدۇ، بەكلا ياخشى ئىشكەنغۇ بۇ!!! ….. كىتابنى كۆرگىنىڭىزدىن مەنمۇ خوش بولدۇم، بۇ كىتابنىڭ ئاپتۇرى ئىسراپىل ئىسمائىل مىنىڭ ئاكام بولىدۇ، كىتابتىكى شىئىرلارنى تاللاپ ناخشا قىلىپ چىقىسڭىز بولىدۇ، يەنە باشقىلار كىرەك بولسا مەن ئاكام بىلەن ئالاقىلاشسام ياكى سىز ئۆزىڭىز ئالاقىلاشسىڭىزمۇ بولىدۇ، بۇ كىتابقا پەقەت ئاكامنىڭ توپلام قىلماقچى بولغان شىئىرلىرىنىڭ ئاز بىرقىسىمىنىلا ئالالىدىم، تۇنجى قېتىم قىلىشىم بولغاچقا تەتىلدە ئاران مۇشۇنچىلىك ئىشلىيەلىدىم ، ئەگەر ناخشا قىلىپ چىقماقچى بولسىڭىز ئاكامدا ناخشا تىكىستلىرىمۇ بار، ئاكام بىلەن بىۋاستە ئالاقىلاشسىڭىزمۇ بولىدۇ، مىېنىڭ ئالاقىلىشىش نۇمۇرۇم: 13579276275(ئۈرۈمچى)….

    [Reply]

  8. سەھەر
    2011-10-13 19:47:54 8#

    ئىلچىن ئەپەندىگە كۆپ رەھمەت گەرچە مەن بەك كۆپ نەرسىلەرنى يازالمىغان بولساممۇ،ھەرھالدا قىلغان ئىككى تۆتتال نەرسەم بىلەن قاناتلىنىپ يۇرۇپتىمەن،مەن مۇشۇنداق ئۇسلۇپتىكى شىئىرلارنى قەۋەتلا ياختۇرىمەن،ئىشىنىمەنكى مۇشۇشىئىرلار بىلەن مەن ئالدىنقى قىتىم قىلغان مۆمىنجان ئىجراسىدىكى(سۆيەلمىدىم ھىچكىمنى سەندەك) ئىززەت ئىلياس ئىجراسىدىكى (مۇبارەك ئانا) قاتارلىق ئىجادىيەتلىرمگە ئوخشاشراق ئەسەرلەرنى يەنە روياپقا چىقىرىش ئىستىگىم بار، ئەلۋەتتە ئۆز نۆۋىتىدە مەن يەنىلا سىلەردەك شائىرلارنىڭ قەلىمىدىن مۇستەسنا بولالمايمەن. ئىزدىشىپ تۇرايلى چ چ نۇمۇرۇم؛561788302

    [Reply]

  9. ئىلچىن
    2011-10-21 13:39:10 9#

    ئاكامنىڭ تىلفۇن نۇمۇرىنىمۇ قالدۇرۇپ قوياي، ئىجادىيەت داۋامىدا ئالاقىلەشسەڭلار قولايلىق بولسۇن، ئىسراپىل ئىسمائىل: 15999322646(قەشقەر يەكەن)

    [Reply]

  10. ماھىرجان
    2011-12-05 06:19:09 10#

    ياخشىمۇسىز،ئەسىرىڭىز بەك ياخشى چىقىپتۇ،راس گەپنى قىلسام مەن تۇنجى قېتىم ئۇيغۇرچە ئىلىكتىرۇنلۇق كىتاپبى ئشىلىتىشىم.مەن سورىماقچى،بۇنى تىلىغۇنغا قاچىلاپ ئىشلىتىشكە بۇلامدۇ.جاۋابىڭىزنى كۈتىمەن.
    ئىشلىرىڭىز ئوڭۇشلۇق بولسۇن!!

    [Reply]

  11. ئابدۇۋەلى تۇردى
    2012-01-04 05:32:19 11#

    ساۋاقدىشىم ئىسراپىل ، ئەسەرلىرىڭىز بەك ياخشى چىقىپتۇ، ئەسەرلىرىڭىزنى ئوقۇۋېتىپ مەنمۇ تالي قېتىملىق تەنھا كېچىلىرىمنى ئەسلەپ قالدىم.ئىجادىيىتىڭىزگە داۋاملىق ئۇتۇق تىلەيمەن . مەن سىلەر بىلەن داۋاملىق ئالقىلىشىپ تۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمەن،چ چ: 1556489636

    [Reply]

  12. ئابدۇۋەلى تۇردى
    2012-01-04 05:38:00 12#

    تەرجىمىھالىڭىزنىڭ داۋامىنى كۆرگىلى بولمىدى.

    [Reply]

  13. ئىلچىن
    2012-01-08 16:20:56 13#

    بۇنى ھازىرچە تىلفۇندا ئىشلەتكىلى بولمايدۇ، بەلكىم windowsxp نى قوللايدىغان تىلفۇندا ئىشلەكىلى بولىشى مۇمكىن

    [Reply]

  14. ئىلچىن
    2012-01-09 06:17:24 14#

    تەرجىمھالنىڭ داۋامىنى كۆرۈش ئۈچۈن ئوڭ تەرەپ ئاستىدىكى بولۇڭدا ۋە ئۇستىدە يۆنىلىش بەلگىسى بار، ئىستىرلىكىنى شۇ بەلگىگە ئەكەلسىڭىزمۇ ياكى بېسىپ تۇرىڭىزمۇ بولىدۇ، تەرجىمھال ئاپتۇماتىك يۆتىكىلىدۇ…

    [Reply]

ئىنكاس يوللاش

*

* (مەخپى)

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif

Ctrl+Enter تىز ئىنكاس قايتۇرۇش

ئەزا كىرىشتاقاش

ئەستە ساقلا پارولنى ئۇنتۇپتىمەن

ئەزا بولۇشتاقاش

小提示: 您的密码会通过填写的"电子邮箱"发送给您.

Content Protected Using ئامانلىق قوغدىغۇچى By: PcDrome.