ئابدۇكېرىمجان ياقۇپ خەۋىرى : قەشقەر ۋىلايەتلىك رەسساملار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، كونىشەھەر ناھىيىە تاشمىلىق يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ گۈزەل-سەنئەت ئوقۇتقۇچىسى نۇرمۇھەممەتجان قارىنىڭ 1 – ماي خەلقئارا ئەمگەكچىلەر بايرىمىنى ۋە 4 – ماي ياشلار بايرىمىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزگەن «ئۇلۇغ ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈپ،گۈزەل يۇرت، ماكان قۇرۇپ چىقايلى» تېمىسىدىكى ماي بوياق ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى 5 – ئاينىڭ 1 – كۈنى قەشقەر شەھەرلىك مەدەنىيەت يۇرتىنىڭ كۆرگەزمە زالىدا ئۆتكۈزۈلدى.
قەشقەر ۋىلايەتلىك رەسساملار جەمئىيىتى، قەشقەر ۋىلايەتلىك مەدىنىيەت – تەنتەربىيە ئىدارىسى تەشكىللىگەن، قەشقەر شەھەرلىك مەدىنىيەت يۇرتى، كونىشەھەر ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسى، كونىشەھەر ناھىيىلىك مەدىنىيەت يۇرتى ئۇيۇشتۇرغان قەشقەر نادىر ئېلان شىركىتى ، ئۈرۈمچى تۇغلان مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ھەمكارلاشقان بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىنىڭ ئىچىلىش مۇراسىمىغا مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ مەسئۇللىرى شۇنداقلا قەشقەر ۋىلايىتىدىكى بىر قىسىم رەسسام، خەتتاتلار، ئاپتۇرنىڭ دوسلىرى، ساۋاقداشلىرى، كەسىپداشلىرى ،ئۇرۇق – تۇققانلىرى ۋە ھەر مىللەت ئامما بولۇپ 400 گە يېقىن كىشى قاتناشتى. قەشقەر شەھرى ۋە كونىشەھەر ناھىيىسىدىكى بىر قىسىم ئىدارە – جەمئىىيەت، مەكتەپلەر، ئاپتۇرنىڭ ئۇرۇق – تۇققانلىرى، دوسلىرى، كەسىپداشلىرى شۇنداقلا ئالى مەكتەپتىكى ساۋاقداشلىرى گۇل، جازا ۋە خاتىرە بويۇملارنى سوۋغا قىلىپ، كۆرگەزمىنىڭ مۇۋاپىقىيىتىنى تەبرىكلەشتى.
نۇرمۇھەممەتجان قارى 1977 – يىلى قەشقەر كونىشەھەر ناھىيىسىدە تۇغۇلغان. 2000 – يىلى خوتەن پىداگۇگىكا ئالى تىخنىكومىنىڭ خەنزۇ تىلى كەسپىنى پۈتتۈرگەن. 2002 – يىلى خىزمەتكە قاتناشقان. 2004 – يىلدىن باشلاپ، ماي بوياق رەسىم ئىجادىيىتىگە چوڭقۇر ئىشتىياق باغلاپ، ئۆزلىكىدىن ئۈگىنىپ، تۇرمۇشقا چوڭقۇر چۈكۈپ، بىر تۈركۈم ۋەتەننى، ئايا يۇرتنىكۈيلەيدىغان 200 پارچىغا يىقىن ماي بوياق رەسىملەرنى سىزىپ، ئاپتۇنۇم رايۇن ۋە قەشقەر ۋىلايىتى تەۋەسىدىكى ھەر قايسى كۆرگەزمىلەرگە قاتناشتۇرۇپ كەسىپ ئەھلىلىرىنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرىشىگە ئىرىشكەن، بىر قىسىم ئەسەرلىرى ئاپتۇنۇم رايۇن تەۋەسىدىكى ھەر قايسى گېزىت – زورناللاردا ئېلان قىلىنغان ۋە مەخسۇس باتلەردە تۇنۇشتۇرۇلغان. « كۈتۈش»، « ئورمانلىقتىكى ئالتۇن كۈز»، « قۇملۇقتىكى كەپە»، « تۇنجى قار» قاتارلىق ئەسەرلىرى 2007 – يىلى ۋە 2009 – يىلى قەشقەر ۋىلايىتى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن بىر قانچە قىتىملىق گۈزەل – سەنئەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسىگە قاتناشتۇرۇلغان ۋە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. 2011 – يىلى « ئۇلاغ بازىرى» ناملىق ماي بوياق ئەسىرى قەشقەر ۋىلايىتىدە ئىلىپ بىرىلغان جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىغىنىڭ 62 يىللىغىنى تەبرىكلەش رەسىم ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسىدە 2 – دەرجىلىك مۇكاپاتقا ئىېرىشكەن.2011 – يىلى كونىشەھەر ناھىيىلىك رادىئۇ – تيېلىۋىزىيە ئىدارىسى « كونىشەھەر مەدىنىيىتى» پىرىگىراممىسىدا ئۇنىڭ ئىجادى پائالىيەتلىرىنى مەخسۇس تۇنۇشتۇرغان.
بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىگە ئۇنىڭ يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان تۇرمۇشقا چوڭقۇر چۆكۈپ ئېجاد قىلغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، گۈزەل يۇرتىنىڭ تاغ-دەريالىرىنى مەدھىيەلەش ئاساسىي مەزمۇن قىلىپ ئېجاد قىلىغان « ئۇلاغ بازىرى»، «قارلىق دالا »، « يۇرتۇم » « قىش لېرىكىسى » قاتارلىق تېمىلاردىكى 90 پارچىغا يىقىن ماي بوياق ئەسىرى قويۇلغان بولۇپ، كۆرگەزمە ئەھلىنىڭ ۋە كەسىپداشلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.
نۇرمۇھەممەت قارىنىڭ ماي بوياق ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى
ئالدىنقى يازما: 6-يىللىق 2-ماۋسۇملۇق گۈزەل سەنئەت دەرىس تەييارلىقى
كىيىنكى يازما: ھەبىبۇللا ھەسەن رەڭلىك بور سىزما ئەسەرلىرى
2012-05-02 07:18:51 گىلەم
بىز تەسىرلەنسەك بولغىدەك .مەنزىرە رەسىملىرى ناھايتى ياخشىكەن
[Reply]