ئاساسلىق كېتەرلىك قورال-سايمانلار:
1.چىش چوتكىسى (تۇرمۇشتا ئىشلىتىلىپ بىكار قىلىۋىتىلگىنى بولسا تېخىمۇ ياخشى)
2.بىر تەرىپى ياپىلاقلانغان ياغاچ پارچىسى (رەڭ پۈركۈشكە ئىشلىتىلىدۇ)
3.رەڭلىك بوياقلار (دۇغ بوياق ، سۇ بوياق ،ماي بوياق ،بىنشى بوياق ، سىر قاتارلىقلار بولسا بولىدۇ ،بۇ يەردە رەڭنىڭ ئىتتىكرەك قۇرىشىنى نەزەردە تۇتۇپ دۇغ بوياق تەۋسىيە قىلىنىدۇ )
4.موي قەلەم
5. پىچاق (ئۇچى ئۆتكۈررەك بولىشى تەلەپ قىلىنىدۇ )
6.ئالدىن تەييارلانغان رەسىم سىزىش قەغىزى
7.يىڭنە مىخ
ئىشلەش قەدەم-باسقۇچلىرى :
1. قەغەز تەييارلاش
مەخسۇس ئىشلەنگەن رەسىم سىزىش قەغىزى رەسىم سىزىش تاختىسىغا تۆت ئەتراپى قەغەز بىلەن چاپلىنىپ مۇقۇملاشتۇرىلىدۇ .
2. ئەستەر (تېگى) رەڭ بىرىش
بۇ باسقۇچتا : ئەستەر رەڭگە بەرمەكچى بولغان رەڭ تەڭشەلگەندىن كېيىن ،موي قەلەم ئارقىلىق چىش چوتكىسىغا سۈركۈلۈپ ،ياغاچ پارچىسى ئارقىلىق رەڭ پۈركۈش ئېلىپ بىرىلىدۇ .
رەڭ پۈركۈشتە ياغاچ پارچىسىنىڭ چىش چوتكىسىغا سۈركەش يۆنلىشى ئاستىدىن ئۈستىگە بولىدۇ .
3. شەكىلنى ئويۇپ ، بەلگىلەنگەن دائىرىگە پۈركۈش
بۇنىڭدا ئۆزىمىزنىڭ ئىھتىياجىغا ئاساسەن سىزغان شەكىلنى ئويۇپ چىقارغاندا بەزى جايلارغا ئۇلاق قويۇپ قويۇش ئارقىلىق تەييارلانغان قىلىپنىڭ شەكلىنىڭ ئۆزگىرىپ كېتىشنىڭ،بەزى نازۇك جايلارنىڭ ئۈزۈلۈپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە پۈركۈش مەشغۇلاتى ئېلىپ بارغاندا يىڭنە مىخ بىلەن مۇقۇملاشتۇرۇپ ،شەكلنىڭ ئىنىق چىقىشىغا ئەھمىيەت بېرىش لازىم.
رەڭ پۈركۈش مەشغۇلاتى ئالدىنقى باسقۇچ بىلەن ئوخشاش.
4. رەتلەپ پۈتتۈرۈش
سىزماقچى بولغان رەسىمنى پۈتتى دەپ قارىغاندىن كېيىن،رەڭلىرى قۇرۇپ،قەغەز تۈز ھالەتكە كەلگەندىن كېيىن سىزغۇچ ئارقىلىق رەسىم كىسىپ ئېلىۋىلىنىدۇ .
پۈركۈپ سىزىلغان رەسىمنىڭ ئالاھىدىلىكى:
بۇ خىل رەسىم سىزىش ئۇسۇلىنى يەككە ھالدا قوللىنىشقا ۋە باشقا رەسىم سىزىش ئۇسۇللىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ قوللىنىشقىمۇ ماس كېلىدىغان بولۇپ ،پۈتكەندىن كېيىن كىشىگە بىرخىل تەبئىي ئۈنۈم تۇيغۇسى بىرىدۇ ،رەڭلەرنىڭ تەدرىجىي ئۆزگىرىشى ، ئۇششاق شىغىل تاشلار ،ئاسمان بوشلۇقىدىكى يۇلتۇزلار توپى.. قاتارلىق قول بىلەن سىزىش قىيىن بولغان جايلارنى ئىشلەشكە ماس كىلىدۇ .
رەسىمنى قانچىكى ئەستايىدىللىق بىلەن ئىشلىگەندە رەسىمنىڭ رەڭ موللىقى ،كىشىگە بېرىدىغان تەسىرى شۇنچە ياخشى بولىدۇ .
پۈركۈپ سىزىلغان رەسىمنىڭ كەمچىلىكى ۋە ساقلاش ئۇسۇلى:
پۈركۈپ سىزىلغان رەسىمدە رەڭ قاتلىمى بىر قەدەر قىلىن بولغاچقا قاتلاشقا ،تولا يۆگەپ ئېچىشقا بولمايدۇ ،بۇنداق بولغاندا رەڭلەر يىرىلىپ رەسىم يۈزىنىڭ بۇزۇلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ،شۇڭا رەسىم پۈتكەندىن كېيىن ۋاقتىدا رامكىغا ئېلىۋىتىش لازىم.
بۇ يەردىن نۇسخىدىكىPDF ئېلكىتابىنى چۈشۈرۋىلىڭ.
2011-06-28 16:37:39 گىلەم
ناھايىتى ياخشى ھۈنەركەن بۇ.
[Reply]