ئاتەش:
«ئاتەش» تەخەللۇسىنى قانداق سەۋەپلەر بىلەن قوللۇنۇپ قالغىنىم ئىسىمدە يوق. بەلكىم ئۆز كەسپىمگە بولغان ئوتتەك بىر قىزىقىش تۈرتكە بولغان بولىشى مۇمكىن. بىراق بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان «ئاتەش» ھەرگىز ۋە ھەرگىز ئوت- يالقۇنلارنى ئۇلۇغلاش، ئوت- يالقۇنلارغا سىغىنىش مەنىسىنى بىلدۈرمەيدۇ.
2013-11-14 05:20:00 گىلەم
ئەزا بولمىساقمۇ بولامدۇ؟ مەن مۇشۇ تور بەتنىڭ مەستانىلىرىدىن بىرى.
2013-11-14 10:26:49
بولىدۇ، تور بېتىمىز ۋوردپىرەس بلوگ سىستېمىسىدا قۇرۇلغان بلوگ خارەكتىرىدىكى تور بىكەت.
بېكىتىمىزگە ئەزا بولماي تۇرۇپمۇ، تېمىلاردىن بىمالال پايدىلنالايسىز، كۆپرەك تەكلىپ- پىكىر بېرەرسىز.
2012-01-07 21:26:11 كىگىز
مەن بۇرۇن ئويلايتىم كىنو چولپانلىرى نورغۇن قالتىس يەرلەرنى ئايلىنىپ يۈرۈپ كىنو ئىشلەيدىكەن دەيتىم. ئەمەليەتتە بۇ ئويلىرىم پۈتۈنلەي خاتاكەن ئەمەسمۇ، ئەمەليەتتە ئۇلار ئۆينىڭ ئىچىدىلانىم ھەم ئىشنى ۋۇجۇدقا كەلتۈردىكەنغۇ!! مەن بۇرۇن ماشىنىلارنىڭ پارتىلغانلىرىنى كۆرسەم ئېسىت…. ئاشۇ ماشىنىنى پارتىلتىۋەتكىچە ماڭا بەرسىچۇ دەيتىم…
2011-10-12 15:04:42 3#
مىنىڭچە پۇتۇن فىلىمنىڭ كۆرنۇشىگە قايسى رەڭ بىھاجەت بولسا تەگلىككە شۇخىل رەڭ ئشلىتەمىكى،چۇنكى ئوخشاش رەڭ ئىشلىتىپ قويسا بىللە ئۆچۇرلۇپ كىتىدۇ ئەمەسمۇ؟
2011-10-13 05:28:09
بۇ ھەقتىكى چۈشەنچەڭلار خىلىلا چوڭقۇركەن ئەمەسمۇ، مەن بۇنىڭدىن بەك خۇشال بولدۇم، دوستلۇقنىڭ شەرتى- مېنىڭچە ئورتاق قىزىقىش، چۈشىنىش ئاساسىدا بولىدۇ.
2011-10-12 14:59:18 4#
بولدى ئەمدى كىنو كۆرمەس بولدۇم،ھەممە نەرسە ساختا كۆرنىۋاتمامدا؟؟؟؟؟ئۆيۇممۇ ساختىدەكلا،
2011-10-13 05:30:51
ممەنمۇ ئادەتتىكى كىنولارنىمۇ كۆرسەم، كىرىشتۈرگەن جايلىرى بارمىكىن دەپ ئىزدەيدىغان بولۇپ قالدىم دەيمە.
2011-08-14 06:59:42 5#
بۇرۇن چەتئەلنىڭ كىنولىرىنى كۆرسەم چىقىمنى بەك جىق تارتىدىكەن دەپ ئويلايتىم،ئەسلى ماندا ئىش باكەندە..
2011-08-11 16:35:13 6#
تەگلىك رەڭگىگە باشقا رەڭ بولسىمۇ بولىۋېرىدۇ. پەقەت بىرخىل رەڭلىك سىدام تەگلىك بولسا بولىدۇ. بۇنىڭدا ئاساسلىقى فىلىمدە رول ئالىدىغان ئارتىسنىڭ كىيىم-كىچىكى ۋە گىرىم قىلغان رەڭلەردىن روشەن پەرقلىنىدىغان سىدام تەگلىك رېڭى بولسا بولىدۇ. شۇنداق بولغاندا ئارقا كۆرۈنۈش تەگلىك رېڭىنى يۇقىرى سۈپەتتە سۈزۈۋېتىشكە قولايلىق بولىدۇ. كۆپىنچە ھاللاردا يېشىل رەڭ ئىشلىتىشكە كەلسەك يېشىل رەڭنىڭ دولقۇن ئۇزۇنلىقى باشقا جىسىملارنىڭ رەڭگىنىڭ دۇلقۇن ئۇزۇنلىقىدىن روشەن پەرقلىنىپ تۇرۇدىغانلىقىدىن بولۇشى مۇمكىن.
2011-08-13 03:39:05
ماۋۇ تولۇق جاۋاپ بوپتۇ جىمۇ.
2011-08-06 16:12:41 7#
after effects نىڭ يېشىل رەڭنى سۈزىۋىتىدىغان بىر قورالى بارغۇ دەيمەن، مەن after effects تە ئىشلىتىپ باقمىغان، لىكىن Premiere نىڭ مۇشۇ قورالىنى بىر قېتىم ئىشلىتىپ باققان، ئۇنىڭدا بىر خىل رەڭنى سۈزىۋىتىدىكەن (سۈزىۋىتىدىغان رەڭنى ئۆزىمىز بەلگىلەپ بېرىدىكەنمىز)، بولسا تەگلىك يېشىل رەڭلىك بولسا ئەڭ ماس كېلىدىغان ئوخشايدۇ.
2011-08-07 18:49:24
ھە .. مۇنداقكەندە …
2011-08-06 14:57:17 8#
تەگلىك ئۈچۈن نېمشقا يىشىل رەڭ ئىشلىتىدىغاندۇ ؟
2011-07-29 15:33:18 9#
كىنو دىگەننى بىرئۆينىڭ ئىچىدىلا ئىشلىۋىتىدىكەنغۇ بۇلار ….
2011-07-30 14:37:25
مەنمۇ ماۋۇ تېخنىكىلارنى كۆرۈپ ئادەتتە كۆرۈۋاتقان كىنولارغىمۇ گۇمان بىلەن قارايدىغان بولۇپ قالدىم.
2011-07-27 04:35:13 10#
ئادەمنىڭ ئېلھامىنى قوزغۇغىدەك ياخشى ماتېرىيال يوللاپسىز! رەھمەت سىزگە ئاتەش ئەپەندىم!
2011-07-30 14:34:47
تور بېتىمىزنىڭ دائىملىق كۆرۈرمەنى بولۇپ، يازمىلارغا ئىزچىل دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىڭىزدىن تولىمۇ خۇرسەنمىز، مۇبارەك قەدىمىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىغاي.
2011-07-27 04:32:28 11#
يوللىغان فىلىملىرىڭىزدىكى ئالاھىدە كۆرۈنۈش ئىشلەش جەريانىدىن شۇنى كۆرىۋېلىشقا بولىدىكى، بۇ فىلىملەردە يالغاندىن قۇشۇلغان قۇشۇمچە كۆرۈنۈشلەرنىڭ ناھايىتى كۆپلىكىنى بايقايمىز! ئاساسەن كۆرۈنۈشلەرنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك سىدام تەگلىك ئالدىدا تارتىلغان كۆرۈنۈشلەر بولۇپ، تەگلىك رېڭىنى سۈزۈۋېتىپ، ئارقا كۆرۈنۈشكە ئالاھىدە كۆرۈنۈش مۇھىت مەنزىرىسىنى قۇيۇش ئارقىلىق فىلىمدىكى ئالاھىدە كۆرۈنۈش ئۈنۈمىگە ئېرىشىلگەن! بۇ ئاساسلىقى رېژىسسورلارنىڭ ياخشى قوماندانلىق قىلىشى ئاستىدا فىلىم ئېلىش مۇھىتىنى ھازىرلاش(مەيدان خاتىرىلەش، ئارقا كۆرۈنۈش تەگلىك مۇھىتى ھازىرىلاش،…قاتارلىقلار)، ئارتىسلارنىڭ ياخشى رول ئېلىشى، ئوپىراتورلارنىڭ ياخشى ماسلىشىشىپ سۈرەتكە ئېلىشى، كېرەكلىك خام ماتېرىياللارنى يىغىپ توپلاش، گرافىك تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ مۇنتاژلارنىڭ كېرەكلىك فىلىم خام ماتېرىيال فىلىملەرنى ئىش قۇشۇپ بىرىكتۈرۈش ئارقىلىق ئالاھىدە كۆرۈنۈش ئۈنۈمى ھاسىل قىلىش مەقسىتىگە يېتىش جەريانىدىن ئىبارەت! مېنىڭچە رايۇنىمىز شىنجاڭدىمۇ چۆچەك-رىۋايەتلەردىكى غايىۋى قەھرىمانلار تەسۋىرلەنگەن ۋە مىللى پۇراق،مىللى ئەنئەنە گەۋدىلەنگەن «فانتازىيە»لىك فىلىملىرىمىزنىڭ بارلىققا كېلىشىگە گەپ كەتمەيدۇ! پەقەت سەنئەت بىلەن تېخنىكىنى ياخشى ماسلاشتۇرالىساقلا خىيالىمىزدىكى كۆرۈنۈشنى ئىكران يۈزىدە ئىپادىلىيەلەيمىز ئەمەسمۇ؟!
2011-07-27 04:17:23 12#
بىز پەقەت بىر قىسىم ئېلانلىرىمىزدىلا «فانتازىيە»گە تەۋە بىر قىسىم كۆرۈنۈشلەرنى ئۇچرىتالايمىز!
رايۇنىمىزدىكى كىنو-فىلىملىرىمىزنىڭ ئىچىدىنمۇ فانتازىيەلىك بىرەر فىلىمنىڭ ئىشلىنىپ پۈتۈپ چىقىشىنى بەك-بەك ئۈمۈت قىلىمەن!
2011-07-27 03:49:06 13#
فىلىم كىرىشتۈرۈشتىكى مۇنتاژلىق تېخنىكىسى ئاجايىپ بىر سەنئەت جۇمۇ! بىزنىڭ رايۇنىمىزدىمۇ شۇنداق ئېسىل نادىر كۆرۈنۈشلۈك فىلىملەر كۆپلەپ روياپقا چىقسا نېمىدىگەن ياخشى بولاتتى-ھە!