يىتىلۋاتقان ياش خەتتات تۇردىھاجى ئەلى (ئاتەش گاداي) 1990- يىلى 3- ئاينىڭ 11- كۈنى كونا شەھەر ناھىيەسىنىڭ ئاۋات يېزىسىدا مەرىپەتپەرۋەر دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 2006- يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر خەتتاتلىق سەنئىتىگە بولغان قىزغىن ئىشتىياقى ۋە ئۇستازلىرىنىڭ يىتەكلىشى ۋە تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە بەلگىلىك سەۋىيە ھازىرلىغان.
2008- يىلى كونا شەھەر ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسى تەشكىللىگەن «ئولىمپىكنى كۈتىۋېلىش» رەسىم سىزىش، ھۆسىنخەت يېزىش مۇسابىقسىدە ئىككىنجى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئىرىشكەن، شۇ يىلى كۈزدە ۋە 2009- يىلى باھاردا ئانا مەكتىپىدە ئىككى قېتىم شەخسىي خەتتاتلىق سەنئىتى ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى ئاچقان.
2010- يىلى قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتۇتى سەنئەت فاكولتېتىغا قۇبۇل قىلىنغان، ئىنىستىتۇتقا كىرگەندىن تارتىپ، ئۆزىنىڭ قىزىقىشى تۈرتكىسىدە ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ، مەكتەپ ۋە فاكولتېت تەشكىللىگەن پائالىيەتلەردە ياخشى نەتىجىلەرگە ئىرىشكەن.
ئۇ ھازىر قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتۇتى سەنئەت فاكولىتېتى 2011- يىللىق 3- سىنىپنىڭ ئوقۇغۇچىسى.
2014-02-13 09:45:44 گىلەم
تىخمۇ تىرىشڭ ،سزگە ئامەت يار بولسۇن ………مەنمۇ خەتتاتلىققا بەك قىزىقىمەن
2014-01-30 08:25:54 كىگىز
خەتتاتنىڭ قەلىمى تېخى پىشماپتۇ،ئالدىنقى قېتىم ئاتەشتە مۇشۇ ھەقتە ئۇچۇر بېرىلگەندىلا،ئۇستازلار بىلەن پاراڭ بولغان ئىدى مۇشۇ ھەقتە. بولسا خەتتاتنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ تىرىشىپ،قەلەم ئىزىنى مەڭگۈ چاقنىتىشىغا تىلەكداشمەن.