قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتۇتى سەنئەت فاكۇلتېتىنىڭ گۈزەل سەنئەت ئوقۇتقۇچىسى، شىنجاڭ رەسساملار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى ئابدۇغىنى ئابدۇرىھېمنىڭ سىدام سىزما ئەسەرلىرى توپلىمى شەنشى نەشرىيات گورۇھى تەيبەي ئەدەبىيات- سەنئەت نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ، رەسمىي تارقىتىلدى.
مەزكۇر توپلام ئابدۇغىنى مۇئەللىمنىڭ دەرسخانا ۋە تۇرمۇش ئەمەلىيىتى جەريانىدىكى يۇقىرى سەۋىيەدە سىزىلغان سىدام سىزما ئەسەرلىرىدىن 50 پارچىدىن ئارتۇق ئەسەر تاللاپ كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، كەڭ گۈزەل سەنئەت ھەۋەسكارلىرى ۋە كەسىپداشلارغا نىسبەتەن بۇ جەھەتتە پايدىلىنىش قىممىتى بولغان زۆرۈر توپلام بولۇپ قالغۇسى.
باھاسى: 48 يۈەن
2013-10-13 05:29:30 گىلەم
مەن بۇ كىتابنى كۆرگەن،خېلى ياخشىكەن.