كىرىش سۆز
ئاتەش لايىھىلەش ئىشخانىسى 2008-يىلى 11-ئايدا قۇرۇلغان ئىشتىن سىرت تەكشىلىكتە ۋە ئۈچ ئۆلچەمدە لايىھىلەشنى ئاساس قىلغان خىزمەت ئىشخانىسى بولۇپ،گەرچە لايىھىلەش ئىشخانىسىنىڭ ئەسلىھەلىرى ۋە خىزمەت شارائىتى كەسپىي لايىھىلەش ئىشخانىلىرىنىڭ تەلىپىگە يىتەلمىسىمۇ ،لايىھىلەش ئىشخانىسى قۇرۇلغاندىن بۇيان، ئىزچىل تۈردە تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ،ئۆزلىكىدىن ئۈگۈنۈپ مۇكەممەلىشىش ئارقىلىق بىر قىسىم تەكشىلىك لايىھەلىرى ۋە ئۈچ ئۆلچەم لايىھەلىرىنى ئىشلەپ چىقىتى.
2009-يىلى 5-ئايدا «ئاتەش گۈزەل سەنئەت بلوگى»نى قۇرۇپ چىقىپ،گۈزەل سەنئەت ئىشلىرىمىزنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش جەھەتتە بەلگىلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.
شۇڭا تورداشلارنىڭ بۇ قېتىملىق لايىھە ئەسەرلىرى تور كۆرگەزمىسىگە قارىتا قىممەتلىك تەكلىپ پىكىلرلەرنى بېرىشىنى ، لايىھىلەش ئىشخانىسىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىياتىغا ئۈمۈدۋار پوزىتسىيەدە بولىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز.
لايىھىلەش ئىشخانىسىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىيات نىشانى:
1. مەخسۇس كومپيۇتېر گرافىك تەربىيلەش مەركەزلىرىگە ياكى لايىھىلەش سىتۇدىيلىرىگە بېرىپ،مۇنتىزىم تەربىيلىنىش ئارقىلىق تېخنىكىدا يۈكسىلىش ھاسىل قىلىش.
2.لايىھىلەش ئىشخانىسىنىڭ خىزمەت شارائىتىنى ئەڭ چوڭ دەرىجىدە ياخشىلاشقا تىرىشىش،كەسپىي جەھەتتە كەسپىي لايىھىلەش سىتۇدىيلىرى ۋە كەسىپداشلار بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىپ،مەلۇم كۆلەم ھاسىل قىلىش ، ماركا ئېڭىنى يۇقىرى كۆتىرىش.
ئەڭ ياقتۇرىدىغان سۆزىمىز:
بىز ئەڭ ياخشىسى ئەمەس ، بىراق ئەڭ ياخشىسى بولۇشقا تىرىشىمىز.
تەكشىلىك لايىھەلىرى:
تۆۋەندىكى تور بەت ۋە بلوگ لايىھەلىرى لايىھىلەش ئىشخانىمىزنىڭ مۇستەقىل لايىھىلىگەن تەكشىلىك لايىھەلىرى بولۇپ،لايىھىلەش ئىشخانىمىزنىڭ ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش ،شۇنىڭدەك ئۇيغۇر تورچىلىقىغا مەلۇم دەرىجىدە ھەسسە قوشۇش ئۈچۈن لايىھىلەنگەن.
گەرچە بۇ لايىھەلەرنىڭ بىرقىسمىلرى لايىھىلەش پىكىر يولى توغرا بولماسلىق ۋە بەزىبىر تېخنىكىلىق مەسىلىلەر تۈپەيلى ئىشلىتىلمىگەن بولسىمۇ كۆپ قىسمى مۇناسىۋەتلىك تور بەت ۋە بلوگلاردا ئىشلىتىلىۋاتىدۇ.
ئىشلەتكەن يۇمشاق دېتال: Adobe Photoshop Cs3
1. يوليار تورىغا لايىھە:
يوليار تورى : http://www.yolyar.com /
2.روھلان تورىغا لايىھە:
يۇقارقى لاھىيە ھازىر روھلان تورىنىڭ ئەزالار باش سۈرىتى قىلىپ ئىشلىتىلىۋاتىدۇ.
روھلان تورى : http://bilim.rohlan.biz /
3. خىيالىم گۈزەل سەنئەت مۇنبىرىغا لايىھە
يۇقارقى لايىھەنى ھازىر «خىيالىم گۈزەل سەنئەت مۇنبىرى» ئىشلىتىۋاتىدۇ.
مەنزىل : http://www.xjhiyalim.com/BBS /
4. «شاھ ئۇيغۇر ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم بلوگى» غا لايىھە
لايىھەنى ھازىر «شاھ ئۇيغۇر بلوگى» دا ئىشلىتىلىۋاتىدۇ.
مەنزىل: http://www.shahblog.net/
5. «بارخان بلوگى»غا لايىھە
مەنزىل: http://barhan88.blogbus.com/
6. «ياخشىلىق بلوگ سۇپىسى» غا لايىھە
يۇقارقى لايىھەنى ھازىر «ياخشىلىق بلوگ سۇپىسى» ئىشلىتىۋاتىدۇ.
مەنزىل: http://www.yahxilik.com/
7. «زىرەك تورى» غا لايىھە
تور بېكەت جىددى ياسىلىۋاتىدۇ.
بلوگلارغا لايىھىلەنگەن لوگولار:
«ئۈچ ئۆلچەم» لايىھەلىرى :
ئىشلەتكەن يۇمشاق دېتاللار:
3DS MAX 9.0 , V-Ray1.5 photoshop cs3
ئەزا كىرىشتاقاش
ئەزا بولۇشتاقاش