«يۇقىرى ئۆرلەش ـــ شىنجاڭ ماي بوياق رەسىم ئىلمىي كۆرگەزمىسى» 18-ئىيۇل چۈشتىن بۇرۇن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېيدا باشلاندى . ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز (ئوڭدىن 1-كىشى) قاتارلىقلار كۆرگەزمىنى كۆردى
تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى : «يۇقىرى ئۆرلەش ـــ شىنجاڭ ماي بوياق رەسىم ئىلمىي كۆرگەزمىسى» 18-ئىيۇل چۈشتىن بۇرۇن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېيدا باشلاندى . كۆرگەزمىنى كۆرۈشنى خالايدىغانلار بېرىپ كۆرسە بولىدۇ.
بۇ قېتىملىق رەسىم كۆرگەزمىسىدە «يۇقىرى ئۆرلەش» باش تېما قىلىنغان بولۇپ ، شىنجاڭدىكى پېشقەدەم ، ئوتتۇرا ياش ۋە ياش ئۈچ ئەۋلاد رەسساملارنىڭ جەمئىي 115 پارچە ئەسىرى كۆرگەزمىگە قويۇلغان . كۆرگەزمىگە شۈ ۋېيشىن ، جاۋ پېيجى، جاڭ يوڭشۈ، جاڭ يوڭخې، ئەنۋەر قاتارلىق بەش نەپەر شىنجاڭدىن چىقىپ كەتكەن ، مەملىكەت دائىرىسىدە بەلگىلىك تەسىرگە ئىگە شىنجاڭ تەۋەلىكىدىكى رەسساملار تەكلىپ قىلىنغان ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، غازى ئەھمەد ، ئابدۇكېرىم نەسرىدىن قاتارلىق تۆت نەپەر شىنجاڭدىكى داڭلىق رەسساملار تەكلىپ قىلىنغان .
بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىنى مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ، گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى ئۇيۇشتۇرغان ، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى ، شىنجاڭ ماي بوياق رەسساملىق ئىلمىي جەمئىيىتى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ ، 3-نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللىيچە ئۇسسۇل بايرىمى يۈرۈشلۈك باش تېمىلىق پائالىيەتلەرنىڭ بىرى .
بۇ قېتىمقى كۆرگەزمە 8-ئاينىڭ 5-كۈنىگىچە ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ ، خەلق ئاممىسىغا ھەقسىز ئېچىۋېتىلدى.
مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
2013-09-14 04:41:03 گىلەم
ياخشى سىزىپتۇ.
2013-07-21 16:12:17 كىگىز
ياخشى سىزىپتۇ