مەھمۇد نەسىرۇللا 1985-يىلى 5-ئاينىڭ 13-كۈنى ئاقسۇ ۋىلايىتى ئونسۇ ناھىيە بازار ئىچىدە يەككە تىجارەتچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 2005-يىلى تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى تاماملاپ، شۇ يىلى 9-ئايدا شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتۇتى سەنئەت فاكولىتىتىنىڭ كومپىيۇتېردا بەدىئىي لايىھەلەش كەسپىگە قۇبۇل قىلىنغان. ئوقۇش جەريانىدا «ئارىف ئېلانچىلىقى»شىركىتى،«ھۆرىيەت كىنو شىركىتى»، «مونتاژ مېدىيا تورى»،.. قاتارلىق شىركەت ۋە توربىكەتلەر ئۈچۈن تەكشىلىك لايىھە ئىشلىرى ۋە ئۈچ ئۆلچەملىك ھەرىكەتلىك فىلىم ئىشلەش قاتارلىق ئىشلار بىلەن شۇغۇللانغان. 2008-يىلى 7-ئايدا ئالى مەكتەپ ئوقۇشىنى ئوڭۇشلۇق تاماملاپ يۇرتىغا قايتىپ كېلىپ، «ئاقسۇ ئوردا بېزەكچىلىك چەكلىك شىركىتى»دە ئۆي ئىچى ئۈچ ئۆلچەملىك ئۈنۈم رەسىمى سىزىش خىزمىتى بىلەن، 2009-يىلى 1- ئايدىن 6-ئايغىچە توقسۇ ناھىيە «ئارما ئېلان بېزەكچىلىك ئورنى»دا تېخنىك خادىم بولۇپ، 2009-يىلى 7-ئايدىن 2010-يىلى 5- ئايغىچە «ئونسۇ ناھىيە كارۋان كومپىيۇتېر ھۈنەر سەنئەت باسمىچىلىقى» دا خىزمەت قىلغان. 2010-يىل 5-ئايدىن ھازىرغىچە ئونسۇ ناھىيىلىك مالىيە ئىدارىسىدە ئىشلەۋاتىدۇ. ئۇ يۇرتىغا قايتىپ كېلىپ خىزمەت قىلىش جەريانىدا باشتىن-ئاخىر ئىزچىل تۈردە «شىنجاڭ ئوبراز مەدەنىيەت-سەنئەت چەكلىك شىركىتى » قاتارلىق شىركەت ۋە شەخىسلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلاردا ئۆز كەسپىنى يەنىمۇ پۇختىلىماقتا ۋە خىزمەت تەجرىبسىنى بېيىتماقتا.
2013-04-30 16:05:38 گىلەم
سىز رەڭلەشتە 3دماكىس ئۆزىنىڭ رەڭلىگۈچىسىنى ئىشلىتىدىكەنسىز،شۇڭا چىراق ۋە رەڭ ئۈنىمىدە ئازراق مەسىلە باركەن،ئامال بار vrayۋە mentelray ئىشلىتىپ كۆرۈپ بېقىڭ!چوقۇم ھازىرقى ئۈنۈمدىن ياخشى چىقىدۇ!
2012-05-18 05:04:31 كىگىز
مىلىتىمىزنىڭ كومپيۇتېر تېخنىكىسىمۇ خېلى بىر يەرگە بېرەپتۇ جۇمۇ. خوش بولدۇم،خۇرسەن بولدۇم!!! داۋەملىق تېرشايلى.
2011-07-15 16:44:11 3#
رەھمەت! ئەمەلىيەتتە مەن سىزنىڭ ماڭا بەرگەن باھايىڭىزدىن خېلى يىراق! سىز ئويلىغاندەك قابىلىيەت ئىگىسى بولۇش ئۈچۈن تېىخمۇ تىرىشىشىمغا توغرا كېلىدۇ!
2011-07-12 03:44:02 4#
مەھمۇدجان قانداق ئەھۋالىڭىز!
سىزدە ئۆزگىچە بىر سەنئەت قابىلىيتى باركەن جۇمۇ!
قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن!
2011-07-07 07:12:38 5#
تالانت ئىگىسىكەنسىزغۇ، بلوگىڭىزغا قىزىقىپ قالدىم، ئۇلىنىش ئالماشتۇرساق بۇلارمۇ
2011-07-07 13:34:17
دوستانە ئۇلىنىشقا قوشۇۋالاي دېسەم، سۈرەتلىك لوگورىڭىزنى تاپالماي قالدىم، ئەمدى خەتلىك ئۇلىنىشلار دەيدىغان تۈردىن بىرنى قوشسام بولىدىغان ئوخشايدۇ يان سىتونغا.
2011-07-08 09:51:13
http://badam.info/logo.gif مۇشۇ يەردە بارتى
2011-07-04 16:35:19 6#
قانداق خاتالىق چىققاندۇ كۆرۈپ باقاي
2011-07-04 08:01:04 7#
ماختىغىنىڭىزغا رەھمەت! مۇڭداشقۇ نۇمۇرۇم(QQچ چ):443151254، 1537762019. بۇ ئىككى نۇمۇرنىڭ خالىغان بىرسىنى ئۆزىڭىزنىڭ مۇڭداشقۇسىغا قۇشۇۋالسىڭىز مەن بىلەن ئالاقىلىشالايسىز!
2011-07-04 07:06:53 8#
سىزنىڭ ھەقىقەتەن تالانتىڭىز باركەن، مەن سىز بىلەن ھەمكارلىشىشنى خالايمەن.