دۇنيادىكى ئون چوڭ ھەيكەلنىڭ بىرى – « بۆرە ئانا» ئوبرازى
برونزا (تۇچ) دىن ياسالغان ھەيكەل،ئېگىزلىكى 85 سانتىمېتىر،تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى 500-يىلى ئەتراپىدا ياسالغان (كىم ياسىغانلىقى ئېنىق ئەمەس)،رىم شەھرى خارابىسىدىن تېپىلغان.
ھازىر ئىتالىيە رىم شەھەر مەمۇرىيتى مۇزېيدا ساقلانماقتا.
«بۆرە ئانا» ئوبرازى ھەيكىلى بىلەن رىم شەھىرىنىڭ قۇرۇلىشى توغرىسىدا مۇنداق رىۋايەت بار:
مەشھۇر ترويان ئۇرۇشى ئاياغلاشقاندىن كېيىن،ترويان شاھزادىسى ئىتالىيە يىرىم ئارىلىغا قىچىپ بېرىپ،ئالبا شەھرىنى قۇرۇپ،ئەجدادلىرىغا ۋارىسلىق قىلىدۇ. كېيىن 努米托耳 ئىسىمىلىك بىر پادىشاھ تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنىپ،ئاغدۇرۇپ تاشلانغان،ئوغلى ئۆلتۈرۈلگەن،لىكىن قىزى جەڭ ئىلاھىنىڭ ھىمايىسى بىلەن بىرجۈپ قوشكىزەك تۇغۇپ،سىۋەتكە سىلىپ تىبېر دەرياسى ئارقىلىق ئېقىتىۋەتكەن.(بىربىر جۈپ قوشكىزەكنىڭ ئىسمى 罗穆路 ۋە瑞穆斯 ئىكەن)
كېيىن بۇ قوشكىزەكلەرنى بىر بۆرە بايقاپ قىلىپ،بىقىۋالغان،ئۇزۇن ئۆتمەي پادىچىلار بايقاپ قىلىپ بېقىپ چوڭ قىلغان. ئۇلار چوڭ بولغاندىن كېيىن دۈشمەنلىرىنى ئۆلتۈرۈپ،بوۋىسى(ئانىسىنىڭ دادىسى)نى قۇتقۇزۇپ،يېڭى بىر شەھەر قۇرغان. كېيىن罗穆路 瑞穆斯 نى ئۆلتۈرگەن ۋە ئۆزىنىڭ ئىسىمىنى ئۆزگەرتىپ،بۇ شەھەرنى «رىم» دەپ ئاتىغان.
بۇ ھەيكەلدە رىم شەھرىنى بەرپا قىلغۇچىلارنى بېقىپ چوڭ قىلغان «بۆرە ئانا»ئوبرازى تەسۋىرلەنگەن بولۇپ،ئېترۇسكانلارنىڭ مەشھۇر ئەسىرى،رىملىقلارنىڭ دىيىشىچە يەنەئۇ بىر ئابىدىنى ئىپادىلەيدۇ،كىشلەر ئۇنى مىللەتنىڭ كىلىپ چىقىشى سۈپىتىدە ئۇلۇغلايدۇ.
ئېترۇسكانلار -ـ مىلادىدىن ئىلگىرىكى 9-8-ئەسىرلەردە ئىتالىيە يىرىم ئارىلىدا بارلىققا كەلگەن مىللەت.
ئەسكەرتىش:
خەنزۇتىلى سەۋىيەمنىڭ تازا يۇقىرى بولماسلىقى سەۋەبىدىن تەرجىمىدە ئاز بولمىغان خاتالىقلار بولىشى مۇمكىن،يەنە بىرسى قىسمەن ئىسىملارنى تەرجىمە قىلىشتا خاتالىقتىن ساقلىنىش ئۈچۈن خەنزۇچە ئاتالغۇسىنىڭ ئۆزىنى ئېلىپ قويدۇم مەسلەن: 罗穆路 瑞穆斯…دېگەندەك.
بۇ جەھەتتە بەلگىلىك سەۋىيسى بار تورداشلار ئىنكاس شەكلىدە تەرجىمىسىنى يوللاپ قويساڭلار شۇ بويىچە ئۆزگەرتىپ قويىمەن.(تەرجىمە قىلىپ بەرگەن تورداش ئەسكەرتىلىدۇ)
ھازىر،ھەيكەل«بۆرە ئانا» رىم شەھرىنىڭ ئوبرازىغا ئايلاندى.
ئەزا كىرىشتاقاش
ئەزا بولۇشتاقاش