ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ھۆرمەتلىك تورداشلار، كەسىپداشلار
دوستلۇقنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئۆز ئارا تەجىرىبە ئالماشتۇرۇش مەخسىتىدە «نورۇز»بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەنبلوگىمىزدا «3Dئەسەرلەربىرلەشمە كۆرگەزمىسى »ئۇيۇشتۇرۇشنى ئويلاشقان ئىدۇق.گەرچە بۇ قېتىملىق توركۆرگەزمىسىگە خىلى كۆپ دوستلارنى، كەسىپداشلارنى تەكلىپ قىلغان بولساقمۇ تۈرلۈك سەۋەپلەر تۈپەيلى كەسىپداشلىرىمىزنىڭ ئەسەرلىرىنى تاپشۇرۋىلىش شەرىپىگە ئىگە بولالمىدۇق. تۇرمۇش رېتىمى تېز، خىزمەتچىلىك ئالدىغا سىلىۋالغان بۇ كۈنلەردە بۇ خىل ئەھۋالنى توغرا چۈشەندۇق ھەم توغرا چۈشىنىشكەمەجبۇرمىز.شۇنداق بولسىمۇ تورداشلىرىمىزدىن پەرھات ئەمەت ۋە سادىقجان قاتارلىق ئىككى توردىشىمىز بۇ پائالىيەتكە يىقىندىن ماسلىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى يوللاپ بەردى.مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۇ ئىككى توردىشىمىزغا ئالاھىدە رەھمىتىمىزنى ئىيتىمىز.
تۆۋەندىكى بەش پارچە ئەسەر توردىشىمىز پەرھات ئەمەتنىڭ ZBrush3.5 دا ئىشلىگەن ئەسەرلىرى:
مەرھۇم ئاتاقلىق قۇمۇل مۇقامچىسى ئاخۇنبەگنىڭ D3 ئوبرازى
ئاتاقلىق قۇمۇل مۇقامچىسى ئەسئەت مۇختەرنىڭ D3 ئوبرازى
توردىشىمىز سادىقجاننىڭ 3DS MAX دا
ئىشلىگەن مەشىق ئەسىرى :
مەنمۇ ئاددى بولسىمۇ كەڭ نورۇز ئەھلىگە «نان-چاي»ئېلىپ كەلدىم.(چاپلىما رەسىمدىن ئازىراق چاتاق چىققانلىقى ئۈچۈن ماتېرىيال سۈپەت ئۈنۈمى بېرىلمىگەن ھالەتتىكىسى يوللاندى)
ئەزا كىرىشتاقاش
ئەزا بولۇشتاقاش