رەسسام ئەخمەتجان ھۈسىيىن 1987– يىلى يوپۇرغا ناھىيەسىدە تۇغۇلغان. 2002– يىلى 9– ئايدىن 2005– يىلى 7– ئايغىچە قەشقەر پىداگوگىكا مەكتىۋىنىڭ گۈزەل – سەنئەت كەسپىدە ئوقۇغان. 2005– يىلدىن 2007 – يىلغىچە قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتۇتى سەنئەت فاكۇلتىتى گۈزەل – سەنئەت كافىدىراسىدا ئوقۇغان. 2012 – يىلدىن 2013 – يىلغىچە بىر يىل داڭلىق رەسسام ئابدۇكېرىم نەسىردىن ماي بوياق ئىجادىيىتى ئالى تەتقىقات سىنىپىدا بىلىم ئاشۇرغان. ئۇنىڭ بىر قىسىم ئەسەرلىرى « شىنجاڭ مائارىپى»، « شىنجاڭ سەنئىتى» قاتارلىق ژورناللاردا ئېلان قىلىنغان. بىر قىسىم ئەسەرلىرى 2013– يىلى 7– ئايدا ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا ئۇسسۇل بايرىمى ماي بوياق ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسىگە قاتناشتۇرۇلغان.
ئۇ ھازىر پەيزىۋات ناھىيە يېڭىمەھەللە ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ گۈزەل– سەنئەت ئوقۇتقۇچىسى.
ئەزا كىرىشتاقاش
ئەزا بولۇشتاقاش