ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تورداشلار، كەسىپداشلار.
بىزنىڭ دائىملىق لايىھىلىرىمىزدە نەقىش كەم بولسا بولمايدىغان بىر لايىھە ئىلمىنتى. نەچچە ۋاقىتتىن بىرى مۇشۇ لايىھەلەرگە ماس كەلگۈدەك يۇقىرى سۈپەتلىك نەقىش ئىزدەپ يۈرۈپ، بۇ بىر يۈرۈش ئەرەب نەقىشلىرىنى تېپىپ، چۈشۈرۈپ قويغان ئىدىم. بۇ نەقىشلەرنى ئىشلىتىپ، ئۆزۈممۇ رازى بولغاندىن كېيىن، كەسىپداشلىرىم بىلەن ئورتاق پايدىلناي دەپ ئويلاپ، بۇ يەرگە ئېلىپ كەلدىم.
نەقىشلەر توپلىمى جەمئىي 3 بۆلەك بولۇپ، جەمئىي 157 پارچە، ئومۇمىي سىغىمى 80 مېگابايت ئەتراپىدا.
قېنى چۈشۈرۈپ كۆرۈپ بېقىڭ، چوقۇم رازى بولىسىز.
2013-03-20 08:56:08 گىلەم
رەخمەت.مەن چۈشۈرۋالدىم مۇشۇنداق تىقىپ قويغان نەرسىلەر بولسا يازكەپ قالدى ئانچە مۇنچە ئاپتاپقا سىلىپ قويارسىلەر،كۆكىرىپ قالمىسىۇن يەنە
2013-03-21 03:12:37
خۇرجۇنمۇ قۇرۇقدىلىپ قالغىلى تۇردى، ھەرقايسىلىرىمۇ ھە-پە دېيىشەلە
2013-03-18 14:02:10 كىگىز
چىرايلىق نەقىشلەركەن.
2013-03-16 08:14:21 3#
ئىشلىتىش قىممىتى باردەك قىلىدۇ
2013-03-16 13:23:54
باردەك قىلىدۇ ئەمەس، ئىشلىتىش قىممىتى بار دەيمەن. سىناقتىن ئۆتكەن، ئىشەنچىلىك نەقىشلەر بۇ.
2013-03-15 16:35:57 4#
مۇشۇ نەقىشلەر كۆزۈمگە بىر خىل سىرلىق كۆرۈنىدۇ. بىر ھېكمەت باردەكلا.